Uyghur主要词典
بولىۋار
يۈز مەشھۇر شەخىس
1783 - 1830
بولىۋار دائىم كىشىلەر تەرىپىدىن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ۋاشىنگون دەپ تەرىپلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بەش دۆلەتنى ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازات قىلىش ھەرىكتىدە مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ بەش دۆلەت: كولومبىيە، ۋېنېسۇئېلا، ئېكۋادور، پېرو ۋە بولىۋىيە. ھېچقانداق بىر سىياسىئون چوڭ قىتئەدە بولۋاردەك چوڭ رول ئويناپ باققان ئەمەس.
بولىۋار 1783 - يىلى ۋېنسېئۇئېلادا ئىسپانىيە قانداشلىقى بار يەرلىك بىر ئاق سۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. توققۇز يېشىدا ئاتا - ئانىسى تۈگەپ كېتىپ، يېتىملىك دەردىنى بولۇشىچە تارتقان، ياش ۋاقتىدا فرانسىيە پەلسەپىۋى ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، لوك، رۇسسو، ۋولتېر ۋە مونتېسليۇرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان.
بولىۋار ياۋرۇپادىكى نەچچە دۆلەتنى زىيارەت قىلغان. 1805 - يىل ئۇر رىمدا رافىنتىن تۆپىلىكىنىڭ چوققىسىدا تۇرۇپ: ۋەتىنىمنى ئىسپانىيە ئاسارىتىدىن ئازاد قىلمىغۇچە كۈرەشنى توختاتمايمەن، دەپ قەسەم بەرگەن.
1808 - يىلى ناپالىئون ئىسپانىيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئىنىسىنى ئىسپانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا قويىدۇ. بۇ ۋەقە ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلىرىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنىدى.
1810 - يىلى سېنېسۇئېلادىكى ئىسپانىيە ھۆكۈمرانى ئېلىپ تاشلانغاندا، ۋېنېسۇئېلا رەسمىي مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى، شۇ يىلى بولىۋار ئىنقىلابىي قوشۇنىنىڭ ھەربىي قوماندانى بولدى. بىراق ئىككىنچى يىلى ئىسپانىيە قوشۇنلىرى قايتىدىن باستۇرۇپ كېلىپ، يەنە بىر قېتىم ۋېنېسۇئېلاغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئىنقىلاب داھىيىسى مىراندا قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلىنىدۇ، بولىۋار چەت ئەلگە قېچىپ كېتىدۇ.
كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە بىر يۈرۈش ئۇرۇشلار پارتىلىدى. ئۇرۇش 1819 - يىلىغىچە داۋام قىلدى، بولىۋار كىچىك بىر تۈركۈم قوشۇننى باشلاپ، جىلغىدىن ئۆتۈپ، ئاندىس تېغىغا چىقىپ، كولومبىيىدە تۇرۇشلۇق ئىسپانىيە قوشۇنىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىدۇ، 1819 - يىل 8 - ئايدا بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭدە تولۇق غەلىبە قىلىدۇ. 1821 - ۋە 1822 - يىللىرى، ۋېنېسۇئېلا بىلەن ئېكۋادور كەينى - كەينىدىن ئازاد بولىدۇ.
بۇ جەرياندا ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر گېنېرال سان - مارتىن ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىقى قولىدىن ئارگېنتىنا بىلەن چىلىنى ئازاد قىلدى ھەمدە پېرونى ئازاد قىلىشقا بەل باغلىدى. 1822 - يىل يازدا، بولىۋار بىلەن سان - مارتىن ئېكۋادورنىڭ كىۋاياكېر شەھىرىدە ئۇچراشتى، بىراق ھەمكارلىشىپ ئىسپانىيىلىكلەرگە قارشى تۇرۇشتا شەرتنامە تۈزۈشەلمىدى، چۈنكى سان - مارتىنننىڭ بولىۋارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغۇسى يوق ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلغۇسىمۇ يوق ئىدى، چۈنكى ئۇنداق بولغاندا پەقەت ئىسپانىيىلىكلەر خۇشال بولاتتى. شۇڭلاشقا ئۇ ئۇرۇش مەيدانىدىن چېكىنىپ چىقىپ، رەھبەرلىك ئورنىنى تاشلاپ، ئاخىرىدا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن چىقىپ كەتتى.
1824 - يىلى بولىۋارنىڭ قوشۇنى ھازىرقى پېرونىڭ پۈتۈن زېمىنىنى ئازات قىلدى. 1925 - يىلى ئۇ ئۈستۈن پېرودىكى ئىسپانىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى، مانا بۇ زېمىن ھازىرقى بولىۋىيە شۇ.
بولىۋار ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئانچە كۆپ مۇۋۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. بولىۋار ئامېرىكىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندەك جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى دۆلەتلەرنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرمەكچى ئىدى. ئەمەلىيەتتە ۋېنېسۇئېلا، كولومبىيە جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىغانىدى. بولىۋار زۇڭتۇڭ سايلاندى ھەمدە ئۈچ قوشۇننىڭ قوماندانلىقىنى ئۈستىگە ئالدى. ئەپسۇسكى، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدە مەركەزدىن قېچىش كۈچى شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسىدىكى زېمىندىن كۆپ زور ئىدى. 1826 - يىلى بولىۋار لاتىن ئامېرىكا قىتەسىدىكى ھەر قايسى دۆلەت قاتناشقانىدى. نەتىجە بۈيۈك كولومبىيە دۆلىتى پارچىلىنىشقا باشلاپ، ئىچكى ئۇرۇش پارتلاپ كەتكەن. 1830 - يىلى ۋېنسۇئېلا بىلەن ئېكۋادور چېكىنىپ چىققان. ھەمدە بەزىلەر بلىۋارنى قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى. بولىۋار تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تەسلىكىنى بىلىپ، 1830 - يىل 5 - ئايدا زوڭتۇڭلۇقتىن ئىستىپا بەردى. 1830 - يىل 12 - ئايدا، بولىۋارنىڭ روھىي سۇنۇپ، ئۈمىدسىزلىك ۋە ناھايىتى نامراتلىق ئىچىدە، ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئالەمدىن ئۆتتى.
بولىۋار يۈكسەك قابىلىيەتلىك كىشى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى زۆرۈرىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ھاكىممۇتلەقلىك تۈزۈمىنى تاللىغان. بىراق سىناققا دۇچ كەلگەندە، ئۇ ھاكىممۇتلەقلىكتە چىڭ تۇرۇۋالمىدى، ئۇ ئومۇمىڭ مەنپەئىتى ۋە غايىۋى دېموكراتىيە ئۈچۈن، ئۆز نەپسىنى تارتىپ، ئاخىرى مۇتلەق ھاكىمىيەت ھوقۇقىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچتى. بىر قېتىم ھۆكۈمرانلىقنى ئۇنىڭغا بەرگەندەم، ئۇ رەت قىلدى. ئۇنىڭچە <ئازات قىلغۇچى> دېگەن نام پادىشاھ دېگەن نامدىن ياخشى ئىدى.
دۇنيا تارىخى
(1783 - 1830) جەنۇبىي ئامېرىكا مۇستەملىكىسى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ رەھبىرى. كاراكاسدىكى بىر پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا مەشھۇر ئالىم سىمون رودرىگېز (1771 - 1854) دىن تەلىم ئالغان، ياۋروپا مەرىپەت ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە كۈچلۈك ئۇچرىغان. كېيىن ئىسپانىيە، ئىتالىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆگەنگەن. 24 يېشىدا ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، ۋىنسۇئېلانىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىشقا قاتناشقان. كېيىن يېڭى گراناداغا يۆتكىلىپ، قوشۇن باشلاپ ۋىنسۇئېلا زېمىنىغا كىرگەن، 1813-يىلى كاراكاس شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. ئىككىنچى يىلى 1-ئايدا ۋىنسوئېلا ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۆزى باشلىق بولغان ۋە ئۆزىنى <ئازاد قىلغۇچى> دەپ ئاتىغان. 7-ئايدا ئىسپانىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن يېڭىلىپ، يېڭى گراناداغا چېكىنگەن. يامايكا ۋە ھايتىلاردا قېچىپ يۈرۈپ، پېتىئوننىڭ ياردىمگە ئېرىشكەن. 1816-يىلى ۋىنسۇئېلاغا قايتىپ كېلىپ، قۇللارنى ئازاد قىلىش، يەرلەرنى ئەسكەرلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ئېلان قىلىپ، بارا - بارا خەلقىنىڭ قوللىشىغا مۇيەسسەر بولغان. ئىككىنچى يىلى ئانگوستۇرادا پارلامېنت يىغىنى چاقىرىپ، ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1819 - يىلى ئارمىيىنى باشلاپ ئاندىس تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، يېڭى گراناداغا كىرگەن ۋە بوياكا دېگەن جايدا ئىسپانىيە ئارمىيىسىنڭ ئاساسلىق كۈچىنى يوقىتىپ، بۈيۈك كولۇمبىيىنى قۇرغان، ئۆزى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 1821-يىلىنىڭ باشلىرى ۋىنسۇئېلانىڭ شىمالىي قىسمىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە كارابوبو جېڭىدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان. 1822-يىلى ۋەتەنپەرۋەر ئارمىيىەە قوماندانلىق قىلىپ، پىچىنچا ئىسپانىيە ئارمىيىسىنى يېڭىپ، كىدو (بۈگۈنكى ئېكۋاتور) نى بۈيۈك كولۇمبىيىگە قوشۇۋەتكەن.1824-يىلى جۇنىن ۋە ئاياكوچو ئىككى جەڭدە غەلىبە قىلىپ، پېرونىڭ پۈتۈن زېمىنىنى ئازاد قىلىشقا رەھبەرلىك قىلغان. 1825-يىلى يۇقىرى پېرودا بولىۋىيە جۇمھۇرىيىتىنى (ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان) قۇرۇپ، ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. 1826-يىلى پانامادا تۇنجى قېتىم پان ئامېرىكا يىغىنىنى ئېچىپ، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىنى تەشەببۇس قىلغان، لېكىن بۇ تەشەببۇس ئەمەلگە ئاشمىغان. كېيىن پېرو ۋە بولىۋىيە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان شۇنىڭدەك بۈيۈك كولۇمبىيە يىمىرىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكتىن، 1830-يىلى 3-ئايدا خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاغرىق سەۋەبىدىن سانتاماراتادا دۇنيادىن ئۆتكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ۋىنسۇئېلانىڭ پۇل بىرلىكى.