Uyghur主要词典
بولېسلاۋ
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 679 - 1025) پولشا كىنەزى (992 - 1025). كورۇلى (1025). مېسىزكو Ⅰ نىڭ ئوغلى. مىلادى 999-يىلى كراكوۋ رايونىنى قوشۇۋېلىپ پولشا زېمىنىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1000-يىلى گېنېزنو دېگەن جايدا مۇستەقىل پولشا باش ئىپىسكوپ رايوننى تەسىس قىلغان. 1003 - 1005، 1007 - 1013، 1015 - 1018-يىللىرى ئۈچ مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى ھىنرى Ⅱ بىلەن بىرلىشىپ، پولشانىڭ مۇستەقىللىكىنى قوغدىغان شۇنىڭدەك ئودېردەرياسىنىڭ غەربىدىكى سىترالسوند ۋە مىسسېن قاتارلىق رايونلارنى ئىشغال قىلغان. 1013-يىلى يەنە موراۋىيە ھەم سىلوۋاكنى قوشۇۋالغان. 1018-يىلى كىيېۋرۇسقا يۈرۈش قىلىپ، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى بەزى شەھەرلەرنى بېسىۋالغان. 1025-يىلى پادىشاھلىق تاجىنى كىيگەن؛ شۇ چاغد، پولشا ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تېررېتورىيىسى غەربىي ئېلبا دەرياسىدىن باشلىنىپ، شەرقتە بۈگ دەرياسىغىچە سوزۇلغان.
دۇنيا تارىخى
(1039 - 1081) پولشا كورۇلى (1058 - 1079). تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن چېخقا قوشۇن تارتقان. كېيىن 1069- ۋە 1077-يىللىرى ئىككى قېتىم كىيېۋ رۇسقا ھۇجۇم قىلغان، ئالدىنقى قېتىمدا كېيۋ شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. لېكىن پولشانىڭ غەربىي قىسمىدىكى پومېرانىيە رايونىنى قولدىن بېرىپ قويغان. 1079-يىلى چوڭ فېئوداللار توپىلاڭ كۆتۈرگەن، بولېسلاۋ ۋېنگرىيىگە قېچىپ كەتكەن. كېيىن شۇ دۆلەتتە ئۆلگەن.
دۇنيا تارىخى
(1085 - 1138) پولشا كورۇلى (1102 - 1138). ۋلادىسلاۋ Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىللىرى ئاكىسى زىبگنېۋنى مەغلۇپ قىلىپ، چوڭ پولشانى (ھازىرقى پولشانىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ۋە مازوۋىيىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. كېيىن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ھېنرى Ⅴ نىڭ تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرگەن. 1116 - 1123-يىللىرى يەنە پومېرانىيىنى قوشۇۋېلىپ، پولشانى يېڭىۋاشتىن بىرلىككە كەلتۈرگەن. لېكىن بولېسلاۋ ئۆز ۋەسىيەتنامىسىدە دۆلەتنى تۆت ئوغلىغا بۆلۈپ بېرىشنى ئېيتقاچقا، پولشادا يەنە فېئودال تەپرىقىچىلىك ھالەت پەيدا بولغان.