Uyghur←Chinese主要词典
بولېسلاۋ
دۇنيا تارىخى
波列斯拉夫三世
bō liè sī lā fū sān shì
(0851 - 1138) پولشا كورۇلى (1102 - 1138). ۋلادىسلاۋ Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىللىرى ئاكىسى زىبگنېۋنى مەغلۇپ قىلىپ، چوڭ پولشانى (ھازىرقى پولشانىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ۋە مازوۋىيىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. كېيىن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ھېنرى Ⅴ نىڭ تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرگەن. 1116 - 1123-يىللىرى يەنە پومېرانىيىنى قوشۇۋېلىپ، پولشانى يېڭىۋاشتىن بىرلىككە كەلتۈرگەن. لېكىن بولېسلاۋ ئۆز ۋەسىيەتنامىسىدە دۆلەتنى تۆت ئوغلىغا بۆلۈپ بېرىشنى ئېيتقاچقا، پولشادا يەنە فېئودال تەپرىقىچىلىك ھالەت پەيدا بولغان.
دۇنيا تارىخى
波列斯拉夫一世
bō liè sī lā fū yí shì
(تەخمىنەن 679 - 1025) پولشا كىنەزى (992 - 1025). كورۇلى (1025). مېسىزكو Ⅰ نىڭ ئوغلى. مىلادى 999-يىلى كراكوۋ رايونىنى قوشۇۋېلىپ پولشا زېمىنىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1000-يىلى گېنېزنو دېگەن جايدا مۇستەقىل پولشا باش ئىپىسكوپ رايوننى تەسىس قىلغان. 1003 - 1005، 1007 - 1013، 1015 - 1018-يىللىرى ئۈچ مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى ھىنرى Ⅱ بىلەن بىرلىشىپ، پولشانىڭ مۇستەقىللىكىنى قوغدىغان شۇنىڭدەك ئودېردەرياسىنىڭ غەربىدىكى سىترالسوند ۋە مىسسېن قاتارلىق رايونلارنى ئىشغال قىلغان. 1013-يىلى يەنە موراۋىيە ھەم سىلوۋاكنى قوشۇۋالغان. 1018-يىلى كىيېۋرۇسقا يۈرۈش قىلىپ، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى بەزى شەھەرلەرنى بېسىۋالغان. 0251-يىلى پادىشاھلىق تاجىنى كىيگەن؛ شۇ چاغد، پولشا ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تېررېتورىيىسى غەربىي ئېلبا دەرياسىدىن باشلىنىپ، شەرقتە بۈگ دەرياسىغىچە سوزۇلغان.
دۇنيا تارىخى
波列斯拉夫二世
bō liè sī lā fū èr shì
(1039 - 1081) پولشا كورۇلى (1058 - 1079). تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن چېخقا قوشۇن تارتقان. كېيىن 1069- ۋە 1077-يىللىرى ئىككى قېتىم كىيېۋ رۇسقا ھۇجۇم قىلغان، ئالدىنقى قېتىمدا كېيۋ شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. لېكىن پولشانىڭ غەربىي قىسمىدىكى پومېرانىيە رايونىنى قولدىن بېرىپ قويغان. 1079-يىلى چوڭ فېئوداللار توپىلاڭ كۆتۈرگەن، بولېسلاۋ ۋېنگرىيىگە قېچىپ كەتكەن. كېيىن شۇ دۆلەتتە ئۆلگەن.