Uyghur主要词典
بولۇمسىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھېچ ئىشقا، ئىستېمالغا يارىمايدىغان، سۈپىتىنى يوقاتقان.
يارىماس گەپنى تىلىڭدىن كۆرمە، دىلىڭدىن كۆر. ياخشى بولغىن، ھەتتا دۈشمىنىڭ ئاسان سېنى دېيەلمىسۇن، يارىماس - يامان. سۆزۈڭدەك بولمىسا، ئۆز ھەرىكىتىڭ، بولمىغۇر لاپتۇر ھەممە نەسىھىتىڭ. بولۇمسىزنى بولدۇرالمىدىم، قاپ - قاچىسىنى تولدۇرالمىدىم. ئەرزىمەستە ئارمان يوق. ھاراق ئىچىش باش ئاغرىتىشقا ئەرزىمەس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكەتكە يارىمايدىغان.
بولۇملۇق، ياراملىق
ئىش - ھەرىكەتكە يارايدىغان.
بولۇملۇق يىگىت قىلغان ئىشىدىن مەلۇملۇق. بولۇمسىزغا بولۇپ بەردى، پۇت - قولىنى قويۇپ بەردى. بولۇمسىزنى بولدۇرالمىدىم، خورجۇن - قاچىسىنى تولدۇرالمىدىم. ياراملىق يىگىت ھەممىگە يارايدۇ، يارامسىز يىگىت تۈز يەردىمۇ غۇلايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ھېچ ئىشنى قىلالمايدىغان، يارىماس.
بولۇمسىزنى بولدۇرالمىدىم، خۇرجۇن - قاچىسىنى تولدۇرالمىدىم (ماقال).