Uyghur主要词典
بېناۋىدېس
دۇنيا تارىخى
(1895 - 1947) ئىسپانىيە يازغۇچىسى، پۇئېنتېرېياستا تۇغۇلغان. فاشىستلارغا قارشى ھەرىكەتكە قاتناشقان. چەت ئەلگە قېچىپ كېتىپ داۋاملىق كۈرەش قىلغان. 1946-يىلى كومپارتىيىگە كىرگەن. ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ چىرىكلىكى تەنقىد قىلىنىپ، ئەسكىيەتچىل ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ياۋۇز قىلمىشلىرى ئېچىپ تاشلانغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: <شىكايەت>، <ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر دېڭىز قاراقچىسى>، <ئىنقىلاب قانداق مەيدانغا كەلگەن>، <يېڭى ھۆكۈما>، <مەن بەشىنچى پولكنىڭ ئادىمى> قاتارلىقلار بار.