Uyghur主要词典
بېلىگە تەپمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئارا يولدا ئۈزۈپ قويماق.
بۇ ئاقىۋەت ....... ئارزۇ - ئۈمىدلىرىمىزنىڭ بېلىگە پالتا چاپتى. دەل مۇشۇ كۈنلەردە ئۆگەي ئانىسى ئۇنىڭ بۇ خىيالىنىڭ بېلىگە تەپتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىراۋ بىرەر ئىشقا ئىنتىلىۋاتقان، جىددىي كىرىشىۋاتقان پەيتتە توسقۇنلۇق قىلماق؛ قارشىلى قىلماق؛ زەربە بەرمەك.
ھاشىم ئاكا زەردە بىلەن ئۇنىڭ سۆزىنىڭ بېلىگە تەپتى.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بىراۋ بىرەر ئىشقا ئىنتلىۋاتقان، جىددىي كىرىشىۋاتقان پەيتتە توسقۇنلۇق قىلماق؛ قارشىلىق قىلماق، زەربە بەرمەك: دەل شۇ كۈنلەردە ئۆگەي ئاپىسى مامۇتنىڭ بۇ پىلانلىرىنىڭ بېلىگە تەپتى.