Uyghur主要词典
بېمىس
دۇنيا تارىخى
(1891 - 1973) ئامېرىكا تارىخچىسى. ياش ۋاقتىدا كىلارك داشۆسىدە ئوقۇغان. 1915-يىلى خارۋارد داشۆسىنىڭ ئەدەبىيات ماگىستېرى، ئىككىنچى يىلى پەلسەپە دوكتورى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. كېيىن ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرگە بېرىپ ئوقۇغان. 1917-يىلىدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1924-يىلدىن باشلاپ ۋاشىنگتون داشۆسىدە تارىخ پروفېسسورى بولغان. 1935-يىلى يېل داشۆسىدە دىپلوماتىيە تارىخى قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن. 1937 - 1938-يىللىرى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلىگەن. 1927 -، 1950-يىللىرى ئىككى نۆۋەت پولىتزېر مۇكاپاتى ئالغان. ئامېرىكا دىپلوماتىيە تارىخىي جەھەتتىكى نوپۇز ئىگىسى دەپ تونۇلغان. ئەسەرلىرى: <جېئېي شەرتنامىسى>، <بېننىك شەرتنامىسى>، <جون، كۇنىسى، ئادامىس ۋە ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئاساسى>، <ئامېرىكا دىپلوماتىيە تارىخى>، <ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا قاراتقان سىياسىتى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.