Uyghur主要词典
بېكىر گلېبېن ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
تۈركىيىنىڭ ئالبانىيە ئارقىلىق سېربىيە ۋە گرېتسىيىنىڭ ئارقا سېپىگە ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسى. ئىككىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1913-يىلى كۈزدە، تۈركىيە ۋە بۇلغارىيە ئالبانىيە ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى بىلەن مەخپىي كېلىشىم تۈزۈپ، ئالبانىيە تۈركىيە بىلەن بۇلغارىيىنىڭ ئۆزىنى بىتەرەپلىكىدىن پايدىلىنىپ، قوشۇنلىرىنى ئالبانىيە زېمىنىدىن ئۆتكۈزۈپ، سېربىيە ۋە گرېتسىيىنىڭ ئارقا سېپىگە كىرگۈزۈشكە قوشۇلغان؛ تۈركىيە بىلەن بۇلغارىيە ئالبانىيىنىڭ ئۇۇشتىن كېيىن ھەق - بەدەل سۈپىتىدە، كوسوۋونى قايتۇرۇۋېلىشىغا ياردەم بېرىشكە قوشۇلغان. ئۇزاق ئۆتمەي بېكىرگلېبېن قولغا ئېلىنغان، قولغا چۈشۈرۈلگەن ھۆججەتلەردىن ئالبانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى كامال بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى سېزىلگەن. لېكىن كېلىشىم ئاشكارىلانمىغان. 1914-يىلى 6-ئايدا كامال ھۆكۈمىتى ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنىڭ بىلەن خەلقئارالىق تەپتىش كومىتېتى ئالبانىيە دۆلەت ھوقۇقىنى قولغا ئېلىۋالغان.