Uyghur主要词典
بېكوروفت
دۇنيا تارىخى
(1779 - 1854) ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىسى، ئېكسپېدىتسىيىچى. 1829-يىلى ئەنگلىيىنىڭ ئافرىقىدىكى ۋاقىتلىق دېڭىز ئارمىيە بازىسى فېرناندو ئارىلىنىڭ ئەمەلدارى بولغان. 1834 - يىلى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن، <سودىگەر> دېگەن نام ئاستىدا، 40 مىڭغا يېقىن <ئەركىن> نېگىرقۇلنى باشقۇرغان، نېگىرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى نېگرى دەرياسى قاتارلىق بىر نەچچە دەريا ۋە غەربىي ئافرىقىدىكى دېڭىز بويى رايونلىرىنى تەكشۈرۈپ، كۆپلىگەن ماتېرىيالغا ئىگە بولغان. 1843-يىلى ئىسپانىيە بۇ ئارالنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىسپانىيە تەرىپىدىن بۇ ھۆكۈمەت تەرەپ كونسۇلى بولغان. 1849 - 1854-يىللىرى بېنىن قولتۇقى رايونىنىڭ كونسۇلى بولغان مەزگىلدە، قۇل سودىسىغا قارشى تۇرۇش نامى بىلەن، شۇ جاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشپ، دھومىيە، لاگوس قاتارلىقلارنى ئەنگلىيىنىڭ ھامىيىلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان.