Uyghur主要词典
بېككېر
دۇنيا تارىخى
(1) يوھان فىلىپ بېككېر (1809 - 1886) گېرمانىيە ۋە خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەربابى. ماركس ۋە ئېنگلېسنىڭ سەپدىشى. چوتكا ئىشچىسى بولغان. 1830-يىلى ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، كېيىن شۋېتسارىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1848 - 1849-يىللاردىكى گېرمانىيە ئىنقىلابىغا ئاكتىپ قاتناشقان. 1849 -يىلى 5-ئايدا، ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى قوغداش كۈرىشىدە بادېن قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىىپ، ئىنقىلابىي ھەربىي تالانتىنى نامايان قىلغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، ماركس، ئېنگېلسنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا، دېموكراتىزمچىدىن سوتسىيالىزمچىغا ئايلانغان. 1864-يىلى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ، شۋېتسارىيىدە بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال نېمىس ياچېيكىسىنىڭ ئورگان گېزىتى - <خەۋەرچى گېزىتى> نىڭ تەھرىر بولغان. خەلقئاراادا، ھەر خىل ئاغدۇرمىچىلىقلارغا قارشى كۈرەشتە، باشتىن - ئاخىر ماركس، ئېنگېلسنىڭ ئىنقىلابىي لۇشيەنىنى ھىمايە قىلغان. <قانداق ئىشلەش ۋە قاچان ئىشلەش كېرەك؟> دېگەن ئەسىرى بار. (2) كارل لوتۇسى بېككېر (1873 - 1945) ئامېرىكا تارىخشۇناسى. 1896-يىلى ۋىسكونىسىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات باكالاۋر ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان 1898 - 1899 - يىللىرى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئۆگەنگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن پېنسلۋانىيە شتاتى ئىنستىتۇتى ۋە داتېمېس ئىنستىتۇتىدا تارىختىن دەرس ئۆtكەن. 1908-يىلى پروفېسسور بولغان 1917 - 1941 - يىللىرى كوننېر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، مۇشۇ مەكتەپنىڭ پەخرى پروفېسسورى بولغان. ئامېرىكا تارىخى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. تارىخى نىپىيچىلىكنى تەشەببۇس قىلغان، ھازىرقى زامان تارىخ ئىلمىگە زور تەسىرك كۆرسەتكەن. ئەسەرلىرى بەكمۇ كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقلىرىدىن <ئامېرىكا خەلقىنىڭ بالشىنىشى> <يېقىنقى زامان تارىخى>، <ⅩⅧ ئەسىر پەيلاسوپلىرىنىڭ جەننىتى>، <تەرەققىيپەرۋەرلىك ۋە ھوقۇق> قاتارلىقلار بار.