Uyghur主要词典
بەشىرە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىراي ئاسان ئۆزگىرەر، شەپقەت مەڭگۈ ساقلىغار. چىراي كۆيدۈرەر، خۇلق سۆيدۈرەر. چىراي كۆرۈپ ھال سورا. چىرايىغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس. ئادەم كۆركى يۈز، يۈز كۆركى كۆز. بېتى ئەدەب كۆرمىگەن، كۆتى تەرەت. دەم غەنىيمەت، دىدار غەنىيمەت. شاھزادە مەلىكىنىڭ رۇخسارىنى بىر كۆرۈپلا ئاشىقىي بىقارار بوپتۇ. تەرى ياماننىڭ مېھرى يامان. دېڭىزنى كوزىدا ئۆلچىگىلى بولماس، ئادەمنى ئەپتىدىن بىلىپ بولماس. بەشرىسى سەتنىڭ قىلىقى يامان بولۇشى ناتايىن. ئوسماننىڭ قىزىنىڭ ئۆڭى بار. ئەينەككە قارىغانغا ھۆسىن قېتىلماس. مەرتىۋە ئادەمگە ھۆسىن قوشمايدۇ، ئادەم مەرتىۋىگە ھۆسىن قوشىدۇ. ئۆمۈر ئۆتەر، ھۆسىن ئۆچەر. چېھرە ئۆزگىرەر، شەپقەت سزاقلىنار. سۆز كۆركى ماقال، ئەر كۆركى ساقال. سەمىمىي سىرتقى قىياپەت نۇرغۇن كەمچىلىكنى يېپىپ تۇرىدۇ. ئالەمدە ھەر كۈندە بار زاۋال، ئەبەدىي قالمايدۇ بۇ ھۆسىن _ جامال.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يۈز، چىراي، قىياپەت .
كۈلگەندە ئۇلارنىڭ بەشىرىسى ئاشۇنداق بولۇپ كېتىدۇ.
كىشىنىڭ روھىي ھالىتى، تەبىئىي ۋە ئىچكى قىياپىتىنى ئىپادىلەيدىغان سىرتقى كۆرنۈش .
- كۆزلىرى نېمىدېگەن كۆك، چېقىر كۆز، - دەپ يېقىمسىز ئويلىدى مەتقۇربانباي،- چېقىر كۆزلۈك شەيتاننىڭ بەشىرىسى دەيدىغان .
يامان خاراكتېر، يامان نىيەت .
ئۇنىڭ بۇ قىلىقىدىن ھەقىقىي بەشىرسىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ .