Uyghur主要词典
بەشىنچى فىقھە ئىلمى ئېقىمى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ شىئە مەزھىپىدىكى جەئفەرىيەنىڭ باشقىچە ئاتىلىشىدىن ئىبارەت. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى ئەل قائىم (1031 - 1075) شىئە مەزھىپىنىڭ يەتتىنچى ئىمامى مۇسا كازىم (؟ - 799) نىڭ چەۋرىسى سەييىد مۇرتەزانى قوبۇل قىلىپ، شىئە مەزھىپىنى سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئىجمائ پرىنسىپىدا ئېتىراپ قىلىنغان <بەشىنچى فىقھە ئېقىمى> قىلىپ بېكىتىپ، <جەئفەرىيە> دەپ ئاتاشنى، سۈننىي مەزھىپىدىكى تۆت چوڭ فىقھە ئېقىمى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشنى، شۇنداق قىلغاندا شىئە مەزھىپى تەقىيە (زۆرۈر تېپىلغاندا چىن ئېتىقادىنى يوشۇرۇش) پرىنسىپىدىن ۋاز كەچسە بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن سەييىد مۇرتەزا 200 مىڭ تىللا تاپشۇرۇپ ئالماشتۇرۇشنىڭ شەرتى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. يېتەرلىك پۇل تەييارلىمىغانلىقى ئۈچۈن پىلان ئەمەلگە ئاشمىغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىرەج ئەفشەر سۇلالىسى (1736 - 1795) گۈللىنىپ، 3617 - يىلى ئىران سەفەۋىيە سۇلالىسى (1502 317) نىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، ئىراننىڭ ئەمەلىي ھۆكۈمرانى بولغاندىن كېيىن، شىئە مەزھىپىدىكى ئون ئىككى ئىمامچىلارنىڭ سىياسىي تەسىرىنى تۈگىتىپ، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ پادىشاھلىق ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، پادىشاھ نادىر شاھ شىئە ئەقىدىسىنى يېڭىۋاشتىن بېكىتىشكە تۇتۇش قىلدى. دىنىي تەبلىغاتتا بۇرۇن ئۆتكەن ئۈچ خەلىپىنى شەرىئەتكە خىلاپلىق قىلىپ <ھوقۇق تارتىۋالغانلار> دەپ ئەيىبلىمەسلىك توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. سۈننىي مەزھىپىنى دۆلەت دىنى دەپ ئېلان قىلىپ، ئون ئىككى ئىمامچىلارنىڭ دۆلەت دىنلىك ئورنىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. شىئە مەزھىپىنى سۈننىي مەزھىپىدىكى تۆت فىقھە ئېقىمىدىن كېيىن تۇرىدىغان <بەشىنچى فىقھە مەزھىپى> قىلىپ قويۇش نىيىتىدە، ئۇنى بۇ مەزھەپنىڭ ئالتىنچى ئىمامى جەئفەر سادىقنىڭ نامى بىلەن ئاتىدى. نادىر شاھ ئاز ساندىكى ئۆلىمالارنى ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى قوللاشقا زوراۋانلىق ۋاستىلىرى بىلەن مەجبۇرلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ شىئە مەزھىپىنى قايتا قۇرۇش توغرىسىدىكى لايىھىسى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانىنى خۇش قىلالمىدى. شىئە مەزھىپىدىكى كۆپ سانلىق ئۆلىمالارنىڭ قوللىشىغىمۇ ئىگە بولالمىدى. ئاخىر بۇ پىلان تاشلاپ قويۇلدى