Uyghur主要词典
بەشەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىنسان، ئادەمزات؛ ئىنساىيەت:
بەشەرنىڭ بارچەسى يارىم ئۈچۈن ۋابەسە ھەيراندۇر،
كى بەرداش قىلا ئالغايمۇ مەلائىك كۆرسەلەر، ئايا.
موللا بىلال.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كىشى، ئادەم. ئىنسان: قىيا پۇتۇل بەشەر - ئادەمنىڭ تۇرقى، سىنى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىكىرلەش، سۆزلەرش، ئەسۋاب - سايمان ياساپ ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ھايۋانات.
«كىشى» ئومۇمىي ۋە كەڭ قوللىنىلىدۇ. كۆپىنچە «ئەر» مەنىسىنى بېرىدۇ «ئايال، بالا» ئايرىم ھالدا «كىشى» دېيىلمەيدۇ.
«ئادەم» ئاقىل ۋە بالىغ بولغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.
«ئىنسان» جىد
كىشى ئەڭ ئۇلۇغ، ئۇ ئازاد، ئەركىن بولۇش كېرەك. كىشى بىلمىسۇن دېسەڭ، قىلما. ئادەم ئەلەيھىسسالام. دانىشمەن بولۇشتىن ئادەم بولۇش تەس. ئادەم تىلىدىن كېتەر، ھايۋان مۈڭگۈزىدىن. ئادەمگە ئەقىل كېرەك، پاتقاققا شېغىل. ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش. زەنجىرنىڭ ئاخىرقى ھالقىسى ئىنسان، ئۇ - ئاچقۇچ، قۇلۇپنى ئاچىدۇ ئاسان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
بېشىر
خۇشخەۋەر يەتكۈزگۈچى