Uyghur主要词典
بەدىھە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھازىر جاۋابلىق، ئۇشتۇمتۇت، بىردىنلا ئېيتىلغان سۆز.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
مەخسۇس تەييارىقسىز، بىراقلا ئېيتىلغان سۆز، شېئىر. بۇ ھال سوۋېت ئۆزبېك يازغۇچىلىرىنىڭ رومانلىرىدا، ئۇيغۇر رومان، ھېكايىلىرىدە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان يازغۇچىسى قەييۇم تۇردى يازغان <قىزىل تاغ باتۇرلىرى> ناملىق پوۋېستنىڭ <تاغ مەشرىپى> دېگەن قىسمىدىكى مۇنۇ ئېيتىشىشنى بەدىھەنىڭ ئوبدان مىسالى دېيىشكە بولىدۇ:
ئايىمگۈل:
ئېگىز تاغدا كۆرۈنگەن،
كۈمۈشمىكىن، قارمىكىن؟
ئابلىكىم:
كۈمۈش سۇنى ئېپكېلىشكە، غەيرىتىڭىز بارمىكىن؟
خەلق قوشاقلىرى، لەپەرلىرى، كۆپىنچە <بەدىھە> تەرىزىدە يارىتىلىدۇ. خەلق شائىرلىرىنىڭ ھازىر جاۋابلىق بىلەن قىلىدىغان ئېيتىشىشلىرى چەت ئەل ئەدەبىياتىدا ئىمپروۋىزاتورلۇق نەمۇنىسى دېيىلىدۇ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
توساتتىن، بىردىنلا ئېيتىلغان سۆز.