Uyghur主要词典
بەر
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
بەرمەك، بېرىش. 1 . قولغا تۇتقۇزماق، تاپشۇرماق، سۇنماق، يوللىماق. ئانتونىمى: ئالماق.
پۇل بەرمەك، مۇكاپات بەرمەك، خىزمەت بەرمەك. * ئىش ھەققى بەرمەك. * كىتابنى نەشرىياتقا بەرمەك. * ماقالىنى ژۇرنالغا بەرمەك. * بالىنى يەسلىگە ياكى مەكتەپكە بەرمەك. * بالىنى شاگىرتلىققا بەرمەك. * ئالماققا بار، بەرمەككە يوق (ماقال). بېرىپ يامان بولغۇچە، بەرمەي يامان بول (ماقال).
2 . تەمىنلىمەك، باقماق. بالىغا سۈت بەرمەك. *ئاتقا يەم بەرمەك. * توخۇغا دان بەرمەك. * يەرگە ئوغۇت بەرمەك. * ئاش بەرگەن قازاننى چاقما (ماقال). * بەرمەسنىڭ ئېشى پىشماس (ماقال).
3 . ياتلىق قىلماق. ئەرگە بەرمەك. * ئاتاڭنى ئۆلتۈرگەنگە ئاناڭنى بەر (ماقال).
4 . ساتماق.
_ قانچە پۇلغا بېرىسىز؟
_ مېتىرىنى ئالتە كويدىن بېرىمەن.
5 . قەرزنى تۆلىمەك، قايتۇرماق. ئېلىشتا بارىكاللا، بېرىشتە ئەستەغپۇرۇللا (ماقال). * ئېلىشتا سانى ئوتتۇز، بېرىشتە سانى توققۇز (ماقال).
6 . سوقماق. تېلېفون بەرمەك، تېلىگرامما بەرمەك.
7 . تارقاتماق. رادىئو ئىستانسىسىدىن ئاڭلىتىش بېرىۋاتىمىز. * تېلېۋىزوردا بۈگۈن كونسېرت بەردى.
8 . بايان قىلماق. پىكىر بەرمەك، ئەرز قىلماق.
9 . ماقۇللىقىنى بىلدۇرمەك. رۇخسەت بەرمەك، ئىجازەت بەرمەك، ۋەدە بەرمەك، سۆز بەرمەك، قول بەرمەك، رازىلىق بەرمەك، ئىشقنى بەرمەك، كۆڭۈل بەرمەك. * ئالدىراپ بەرگەن كۆڭۈلنىڭ ئەتىۋارى بولمىدى.
10 . ئۈنۈم ھاسىل قىلماق. مېۋە بەرمەك، پايدا بەرمەك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل.
جەريان باغلامچىسى. 1 . بەزى ئىسىملارنى پېئىللاشتۇرىدۇ.
تەنقىد بەرمەك، ئىلھام بەرمەك.
2 . «پ» لىك رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ باشقا ئادەم ۋە شەيئىگە ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ماڭا گېزىت ئوقۇپ بەردى. * ناخشىنى سەن باشلاپ بەر.
«ئا، ئە» لىك رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ داۋامىلىق ئىشلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. تىلدا «ئا، ئە» لەر «ى» غا، «ب» يەنە «ۋ» غا ئايلىنىپ كېتىدۇ. خېتىڭنى يېزىۋەر (= يازا بەر)، تارتىنماي بۇ ياققا كېلىۋەر (= كېلە بەر).
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بەرمەك