Uyghur主要词典
باۋارىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى
领域: دۇنيا تارىخىيەنە ميۇنخېن سوۋېت جۇمھۇرىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىنقىلابى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەندە، باۋارىيە شتاتىدىكى پرولېتارلار پايتەخت ميۇنخېندا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، كومپارتىيە ئەزالىرى باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىنغان، سوۋېت ھۆكۈمىتى بۇرژۇئازىيىنى قورالسىزلاندۇرۇپ، قىزىل گۋار - دىيىچىلەر بىلەن قىزىل ئارمىيە تەشكىللىگەن ھەمدە ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى، تەقسىماتنى نازارەت قىلىشىنى يولغا قويغان، بانكا ۋە تۆمۈريولنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋالغان. بىراق ئىشچى - دېھقانلار ئىتتتىپاقىنى مۇستەھكەملىمىگەنلىكى ۋە ئەكسىلئىنقىلابنى تەلتۆكۈس باستۇرمىغانلىقى، مۇستەقىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭچىلىرى يەن ئىچكى قىسىمدا بۇزغۇنچىلىق قىلىنغانلىقىدىن،5-ئاينىڭ 1-كۈنى فېدېراتىپ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ، گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابى ئاخىرلاشقان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。