Uyghur←Chinese主要词典
باۋارىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى
领域: دۇنيا تارىخى巴伐利亚苏维埃共和国
bā fá lì yà sū wéi āi gòng hé guó
يەنە ميۇنخېن سوۋېت جۇمھۇرىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىنقىلابى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەندە، باۋارىيە شتاتىدىكى پرولېتارلار پايتەخت ميۇنخېندا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، كومپارتىيە ئەزالىرى باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىنغان، سوۋېت ھۆكۈمىتى بۇرژۇئازىيىنى قورالسىزلاندۇرۇپ، قىزىل گۋار - دىيىچىلەر بىلەن قىزىل ئارمىيە تەشكىللىگەن ھەمدە ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى، تەقسىماتنى نازارەت قىلىشىنى يولغا قويغان، بانكا ۋە تۆمۈريولنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋالغان. بىراق ئىشچى - دېھقانلار ئىتتتىپاقىنى مۇستەھكەملىمىگەنلىكى ۋە ئەكسىلئىنقىلابنى تەلتۆكۈس باستۇرمىغانلىقى، مۇستەقىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭچىلىرى يەن ئىچكى قىسىمدا بۇزغۇنچىلىق قىلىنغانلىقىدىن،5-ئاينىڭ 1-كۈنى فېدېراتىپ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ، گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابى ئاخىرلاشقان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。