Uyghur主要词典
باۋتۇ مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، «شەرقىي مەسچىت»، «شەرقىي ئۆستەڭ مەسچىتى» مۇ دېيىلىدۇ. ئورنى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ باۋتۇ شەھىرىدىكى شەرقىي قۇۋۇق ئىچىدىكى پىڭگۇەن كوچىسىنىڭ شىمالىي ئېغىزىدا. بۇ مەسچىت چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى يىللىرىدا، چەنلۇڭ يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ۋە جياچىڭ يىللىرىدا سېلىنغان، دېگەن سۆزلەر بار. 1821 - يىلىدىن 1850 يىلىغىچە خېلى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ سېلىنغان. 33 ئېغىز نامازخانا، 20 ئېغىز سەراپ، 10 ئېغىز دەرسخانا، 20 ئېغىز ياتاق تەييارلانغان بولۇپ، ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ غەربىي رايونىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تارىخىي ئەڭ ئۇزۇن، ئاخۇنلىرىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ مەسچىتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.