Uyghur主要词典
باشاقسىمان گۈل رېتى
بىئولوگىيە
چەكسىز گۈل رېتىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، گۈل ئوقىدا ساپسىز گۈللەر ئۆسىدۇ. مەسىلەن، پاقىيوپۇرمىقى، تىزما گۈلنىڭ گۈل رېتى. ئەگەر گۈل ئوقى شاخلىنىپ ھەر بىر شېخى بىر باشاقسىمان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلسا مۇرەككەپ باشاقسىمان گۈل رېتى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، بۇغداي، ئارپا قاتارلىقلارنىڭ گۈل رېتى.