Uyghur主要词典
باشاق
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
باشاق كۆك؛ ئوقنىڭ بېشىغا بېكىتىلىدىغان ئۇچلۇق تۆمۈر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەزى زىرائەت ۋە كۆكتاتلارنىڭ ھوسۇلى.
باش پىياز. بۇغداي باش ئاپتۇ. باشاق ساتما، چاناق سانا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوتياشنىڭ بىر خىلى، يوپۇرمىقى ئۈچ بۇرجەك، غوى قىزغۇچ كېلىدۇ.
«باشاقكۆك» ، «باشاق» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
پالەكنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسق، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، 100 گىرام پالەكتىن 18 كالورىيە قۇۋۋەت ھاسىل بولىدۇ.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
پالەك، باشاق كۆك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىل 12 ئاينىڭ سەككىزىنچىسىنىڭ نامى.
ئاۋغۇست لاتىنچە Augustus دىن كەلگەن. كايزا ئۆلگەندىن كېيىن،ئۇنىڭ ۋارىسى ئوكتاۋىيان مۇشۇ ئايدا تۇغۇلغاچقا، ئۆزىنىڭ پەخرىي نامىنى بۇ ئايغا قويغان.
8 - ئاي چوڭ ئاي؛ 31 كۈنلۈك.
1 - ئاۋغۇست جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قۇرۇلغان كۈن (1927 - يىل)؛ ئارمىيە قۇرۇلغان بايرام.
1945 - يىل 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئامېرىكا ياپونىيىنىڭ خىروسىما شەھىرىگە تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى تاشلىغان.
8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئېكۋاتورنىڭ دۆلەت بايرىمى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
باشاق.
ئوق ۋە نەيزە ئۇچىدىكى تومۇر.
1 - 490
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
باشماق، كەش، پوپۇچ.
ئوغۇز ۋە قىپچاقلار بىر «م _ m» نى قوشۇپ « باشماق» دەيدۇ. مۇنداق ھەرپ قوشۇش ئەرەپ تىلىدىمۇ بار.
چىگىلچە.
1 - 490
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئوقيا ئوقىنىڭ بېشى، ئۈچ قىسمى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. پالەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بۇغداي، ئارپا قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ دان تۇتقان قىسمى، بېشى.
قېرى ۋە ياشلار ۋاقتىنى ئۇشلا، باشاق چېچىلسا، خامانغا تاشلا.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
دانلىق زىرائەتلەرنىڭ دان تۇتىدىغان قىسىمى؛ ئۈستۈنلۈك، ئەزىزلىك.