Uyghur主要词典
باشاق مۈڭگۈزى زەمبۇرۇغى
مىكرو ئورگانىزملار
زەمبۇرۇغلار جەمەتىدە يارىماس بىر ئەۋلاد بار بولۇپ، ئۇ باشاق مۈڭگۈزى زەمبۇرۇغى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپادا بىرقانچە ئەسىر زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ بالا تاشلىۋېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ، بىرقانچە قېتىم تۈمەنلىگەن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. دەسلىپىدە كىشىلەر، قانداقتۇر بىر ئالۋاستى ئەسكىلىك قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارىغان، كېيىن ئۇزاق مۇددەت تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئەسكىلىك قىلىۋاتقان بۇ ئالۋاستىنىڭ باشاق مۈڭگۈزى زەمبۇرۇغى ئىكەنلىكىنى بىلگەن.
باشاق مۈڭگۈزى زەمبۇرۇغى سپورا خالتىلىق زەمبۇرۇغلار نىڭ بىر تۈرى بولۇپ، قارا بۇغداي، ئارپا قاتارلىق باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقدىنىدا پارازىتلىق قىلىپ ياشاشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ يەردە يېتىلىپ قاتتىق، قوڭۇر رەڭلىكتىن قارا رەڭلىككىچە مۈڭگۈزسىمان زەمبۇرۇغ شاكىلى ھاسىل قىلىدۇ ۋە كىشىلەر ئۇنى باشاق مۈڭگۈزى دەپ ئاتايدۇ. كىشىلەر باشاق مۈڭگۈزى ئارىلىشىپ قالغان ئۇن تاماقنى يېسە، زەھەرلىنىپ كېسەل بولىدۇ، باشلىنىشتا پۇت - قوللىرى ۋە مۇسكۇللىرى تارتىشىدۇ، ئۇنىڭغا ئۇلىشىپ پۇت - قوللىرى، ئەمچىكى، چىشلىرى ئۇيۇشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ قىسىملىرىنىڭ گۆشلىرى تەدرىجىي سېسىپ چۈشۈپ كېتىدۇ، ئادەممۇ ئۆلىدۇ، بۇنىڭدىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ. كىشىلەر بۇ خىل كېسەلنى باشاق مۈڭگۈزى كېسىلى دەپ ئاتايدۇ. ئۆي ھايۋانلىرى باشاق مۈڭگۈزى زەمبۇرۇغىنى يۇقتۇرۇۋالغان باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئوت - چۆپلەرنى يېسىمۇ ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلىنىدۇ.
باشاق مۈڭگۈزى كېسىلى بىر مەھەل ئادەم ۋە ئۆي ھايۋانلىرى ئۈچۈن چوڭ ئاپەت بولغانىدى، شۇڭا ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئالۋاستى دەپ ئاتالغان. لېكىن، كىشىلەر نۇرغۇن يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيىلىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى تونۇپ ۋە ئىگىلەپ ئالغانغا ئوخشاش، باشاق مۈڭگۈزى زەمبۇرۇغىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى تونۇپ ۋە ئىگىلەپ ئالسىلا، يامان ئىشنى ياخشى ئىشقا ئايلاندۇررۇشى مۇمكىن.18 - ئەسىرگە كەلگەندە، ئۇن ئىشلەش سانائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇغدايغا ئارىلىشىۋالغان باشاق مۈڭگۈزلىرى چىقىرىۋېتىلىدىغان بولدى، بۇنىڭ بىلەن باشاق مۈڭگۈزى كېسىلى تىزگىنلەندى. شۇنداق بولۇپلا قالماستىن، كىشىلەر يەنە باشاق مۈڭگۈزىدە بىر خىل ئالكالوئىد (ئۆسۈملۈك ئىشقارى) بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇ خىل ئالكالوئىدنىڭ قان تومۇرلارنى قورۇش، مۇسكۇللارنى تارتىشتۇرۇش، نېرۋىلارنى ھوشسىزلاندۇرۇش قاتارلىق رولى بولغاچقا، ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك قان توختاتقۇچى دورا ۋە بالا چۈشۈرۈش كۈچلۈك دورىلىرى ياسالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ، ئاياللار بۆلۈمىدە داۋالاش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى دورا بولۇپ تونۇلدى. شۇنداق قىلىپ باشاق مۈڭگۈزى زەمبۇرۇغىدىن ئىبارەت زەمبۇرۇغلار جەمەتىدىكى «يارامسىز ئەۋلاد» گۇناھىنى يۇيۇپ ياخشىلىق قىلىشقا ئۆزگىرىپ، ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق زەمبۇرۇغقا ئايلاندى.