Uyghur主要词典
بال
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ھەسەل.
بال ھەرىسى. * بال قوشۇق. * ئاچچىق بولساڭ تۈزدە بول، تاتلىق بولساڭ بالدەك بول (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز.
مېتېئورولوگىيە ئاتالغۇسى. يەر تەۋرەش، شامال قاتارلىق تەبىئىي ھادىسىلەرنىڭ كۈچىنى بىلدۈرىدىغان ئۆلچەم بىرلىكى: دەرىجە.
بەش بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش ئاپەت كەلتۈرىدۇ. * شامال ئومۇمەن 13 بالغا بۆلۈنىدۇ. سۈرئىتى 0.2 مېتىر - سېكۇنتتىن تۆۋەن بولسا، 0 بال بولىدۇ، 23.6 مېتىر - سېكۇنتتىن يۇقىرى بولسا، 12 بال بولىدۇ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قانات؛ يەلكىدىن قول ئۇچىغىچە: بال كۇشاي - قانات قاققۇچى، قانات يايغۇچى، ئۇچقۇچى؛ بالۇپەر ئۇرماق - ئۇچماق؛ شىكەستە بال - سۇنۇق قانات. كۆچمە مەنىسى: روھىي ئازاپنى كۆپ چەككەن، كۆڭلى سۇنغان.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئوي، كۆڭۈل، خاتىرە؛ يۈرەك؛ روھ، ئەقىل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەسەل ھەرىسى گۈللەرنىڭ شىرنىسىدىن ياسايدىغان تاتلىق نەرسە.
ئاغزىدىن بال تېمىپ تۇرىدىغان، ئىچىدە ئوغا قاينايدىغان. ھەسەلنىڭ ھەرىسى بار، گۈلنىڭ تىكىنى. تىلى ھەسەل، دىلى زەھەر.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بال، ھەسەل.
تۈركلەر بۇنى « ئارى ياغى» دەيدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
باردى ساڭا يەك ئۇترۇ تۇتۇپ بال
بارچىن كەزىپەن تەلۈ يۇۋغا بولۇپ قال