Uyghur主要词典
بالاⅡ[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقا كەلگەن ئاپەت؛ پالاكەت؛ خەۋپ-خەتەر:[مىسال:] ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي داۋاغا (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاپەت، خەۋپنىڭ سەۋەبى؛ ئىللىتى:[مىسال:] بىر بالاسى بولمىسا، قۇيرۇق ياتامدۇ تاشتا (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قولىدىن ھەممە ئىش كېلىدىغان؛ ئۇستا، چېۋەر، ماھىر:[مىسال:] قاسىم دوستىنىڭ دولىسىغا قېقىپ تۇرۇپ:[مىسال:] سۆزگە بالا نېمە ئىكەنسەن، دەپ ماختاپ قويدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ناھايىتى زور، ھېچ نەرسە كار قىلمايدىغان نەرسە.