Uyghur主要词典
باگراتىئون
دۇنيا تارىخى
(1764 - 1812) روسىيىلىك گېنېرال پولكوۋنىك. گروزىيىلىك ئېسىلزادە ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1782-يىلى ئارمىيىگە كىرىپ، 1787 - 1791-يىللىرىدىكى رورسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 7991-يىلى سوۋوروۋ بىلەن بىرگە ئىتالىيە ۋە شۋېتسارىيىگە ئەسكەر باشلاپ بېرىپ، فرانسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلغان. 1805 - 1807-يىللىرى كۇتۇزوۋ بىلەن ياۋروپاغا يۈرۈش قىلىپ، بۇيرۇققا ئاساسەن شىڭگىلاپتا فرانسىيە ئارمىيىسىگە توسۇپ زەربە بېرىپ، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاساسىي كۈچنىڭ يۆتكىلىشىنى ھىمايە قىلغان. كېيىن بىر قانچە قېتىم روسىيە - شۋېتسىيە ئۇرۇشىغا (1808 - 1809)، روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان (1806 - 1812-يىلى ناپولېئون روسىيگە تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، بورودىنو جېڭىدە سول تەرەپ روسىي ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ سمپانوۋىسكاپا كەنتىنى جان تىكىپ قوغداپ، فرانسىيە ئارمىيىسنىڭ كۆپ قېتىمىلق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن، ئېغىر يارىلىنىپ ۋاپات بولغان.