Uyghurئاساسىي لۇغەت
زەرافەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پاكىز، پاكىزلىق؛ گۈزەلىك، نازۇك تەبىئەتلىك:
خۇش چاقچاقلىق؛ چاقچاق سۆزلەر:
ماھىرلىق، ئۇستىلىق:
بۇ كۈن ھۆسىن ئوردەسىندە پادىشاھسەن،
زەرافەت ئالەمىندە مەھلىقاسەن.
سەيىد ئەھمەد.
2. دىۋان تەكلىمىغە مايىل بولغان ۋە يەنە داغى لەتافەت شىئار نازىملار زەرىفى ۋە زەرافەت دىسار راقىملار لەتايىغى ھەريان ئىستىمائ تۈشەركىم، كۆپرەك مەتبۇئ ۋە مەقبۇل مەنئى ۋە دەرياسىدا مۇنچە غەۋۋاس ئاراسىدا بەيابانغا خۇي قىلغان دىۋانە لىسانىدىن داغى بىگانە بولدى.
قىدىرخان يەركەندى.
3. كى بىزلەردە ئانچە زەرافەت دۇرۇر،
ھۈنەر ئىلكىمىزدە لەتافەت دۇرۇر.
غەرىبى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
زەرىپلىك، گۈزەللىك، نازۇڭلۇق، نازۇك پەملىك؛ نازۇك مەنىلىك، ھۇشيارلىق