Uyghurئاساسىي لۇغەت
زەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
زەر، ئالتۇن:
ياساپ تىترەگۈچ شەھقە تاج زەر،
تېخى ئىشلەدۈك بەلكى زەردىن كەمەر.
غەرىبى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئالتۇن؛ تىللا؛ بايلىق؛ قېرى، بوۋاي، ياشانغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مېتال ئېلېمېنت، بەلگىسى Aurum( Au ) , قىزغۇچ سېرىق، پۇل ۋە قىممەتلىك زىننەت بۇيۇملىرى ياسىلىدىغان قىممەت باھالىق مېتال.
«ئالتۇن» ئەڭ ئومۇمىي. «زەر» ، «تىللا» ، ماقال - تەمسىل، تۇراقلىق بىرىكمىلەردە ئۇچرايدۇ. بۇلارنى بىر - بىرىگە ئالماشتۇرغىلى
دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ %64 ناھىيە - شەھەرلىرىدە ئالتۇن كانى بار ئىكەن. ئالتۇن يەردە ياتماس، ياخشىلىق يەردە قالماس. ئالتۇن بىلەن بېزىسەڭمۇ ئېشەك يەنىلا ئېشەك. ئاۋۋال بىلىۋېلىپ، كېيىن سۆزلىگىن، زەرنى تېپىپ ئاندىن خەجلەشنى بىلگىن. زەر قەدىرىنى زەگەر بىلىدۇ. تىللا، كۈمۈش چىقىسىمۇ تاشتىن ھەرقاچان، ھەر تاشتا ئالتۇن بولۇشى گۇمان.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
ئالتۇن.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئالتۇن
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى. ئالتۇن.
- ئۆزىڭىزنى قاچۇرماڭ جېنىم، ئۈستىۋېشىڭىزنى ئۈنچە - مارجان، زەرلەرگە كۆمۈۋېتىمەن، - دېدى نەزەر قىزغا ئېسىلىپ.
سۈپ. ئالتۇن بىلەن ھەل بېرىلگەن، ئالتۇن سۈيى بىلەن سۇغىرىلغان، ئالتۇن رەڭگىدىكى.
زەر يىپ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئالتۇن