Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىزىغا چۈشمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىز باستۇرۇپ قاراپ يۈرۈپ، تەقىپ قىلماق.
دۈشمەننى كۈندۈزى ئويلا، كېچىسى پايلا. ئىشپىيونلار ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، نەگە بارسا، شۇ يەرگە بېرىپ يۈردى. كىمكى چۈشىنىپ قالغاندا مېنى، دوستۇم دېمەيمەن ھەرگىز ئۇنى، بەلكى پېيىگە چۈشۈپ بىر كۈنى، بەتنەزەر كۆزىنى ئويۇۋالىمەن. دۈشمەن ئۇنىڭ كەينىگە كىرىۋالغانىدى، ئۇ ئۇنى سېزىپ، دەرھال بىر ياققا بۇرۇلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پېيىغا چۈشمەك.
ئۈنئالغۇدىن ئاڭلانغان بۇ خۇپىيانە سۆز ئىزىغا چۈشكەن كىشىنىڭ راستتىنلا ئەتكەسچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى.
نورمال ھالەتكە كەلمەك، نورمال رەۋىشتە قويۇلماق.
پات يېقىندا شۇجى يەنە خىزمەتكە ئولتۇرىدۇ، ھەممە ئىش ئىزىغا چۈشىدۇ.
خۇدا خالىسا، جاھان ئوڭشىلىپ، ئىزىغا چۈشۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.