Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىس
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1. تۈتۈن، دىم.
ئىس چىقماق، ئىس باسماق. * بەڭگىنىڭ قورسىقى ئىس بىلەن توق (ماقال). * ئىسىنى بۇلۇت كۆرمىگەن، يۇندىسىنى ئىت (ماقال).
2. تاشكۆمۈر چالا كۆيگەندە چىقىدىغان زەھەرلىك گاز. ئس تەگمەك، ئىس ئۆتمەك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
(سوزۇق تاۋۇشى سوزۇلۇپ ئېيتىلىدۇ). ھىد، بۇي.
پۇراقلىق ئىس.* سېسىق ئىس.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئىس؛ ھىد، بۇي:
كىرىپ ئىستەپ يۈرۈپ ھەر قايسىسىنى،
ئىبەردى ھەر تەرەپ گۇللەر ئىسىنى.
خىرقەتى.
كى ئەقلىڭغە نۇقسان يېتىپدۇر بەسى،
دىماغىڭنى بۇزمىش تەكەببۇر ئىسى.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەش، ھەمراھ، يولداش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پۇراش ئەزاسى بۇرۇنغا سېزىلىدىغان شەكىلسىز، رەڭسىز نەرسە.
گۈلنىڭ خۇش پۇرىقىدىن باشقا، تىڭىنىمۇ بار. گېزىت خەۋىرى؛ ئامىرىكا ئالىملىرى يېقىندا پۇرقنىڭ ئادەمنىڭ ئەستە قالدۇرۇشقا ياردىمى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. گۈلنىڭ ھىدى رەڭگىدىن ئەمەس. گۈل سولار، ھىدى قالار. چىرالىق گۈلنىڭ خۇش بۇي بولۇشى ناتايىن. يىراقلاردىن گۈللەرنىڭ ئىسى بۇرۇنغا ئۇرۇلاتتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ماددا كۆيگەندە تولۇق كۆيۈپ بولمىغان قىسمىدىن ھاسىل بولغان ئۇششاق دانىچىلەر، ھاۋادا لەيلەپ يۈرىدۇ، گازغا ئوخشاپ كېتىدۇ.
<تۈتەك> ئىش - تۈتۈننىڭ يىغىلىشى.
ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ. تۈتۈنى كۆپ، يانغىنى ئاز. ئۆينى تۈتەك باسسا، كۆزگە ئۇۋال.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① ئىش، خىزمەت؛ ② ئىتتىپاقچى، ھەمراھ، دوست
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ھەمراھ، دوست، يار، تۇغقان
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يېقىلغۇلارنىڭ كۆيۈشىدىن ھاسىل بولىدىغان، تولۇق يانمىغان، رەڭگى ئاساسەن قارا، سۇر ۋە شۇلارغا يېقىن كېلىدىغان ئىنتايىن كىچىك دانىچىلار ئارىلاشقان گاز؛ تۈتۈن.
كۆمۈرنىڭ ئىسى.
ئىسىنى بۇلۇت كۆرمەس، يۇندىسىنى ئىت كۆرمەس (ماقال).
ئېگىز تاغ رايونلىرىدا ھاۋا قاتلىمىنىڭ كىسلورود ئاز ھالىتى.