Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئىئوسىيە
دۇنيا تارىخى
约西亚
yuē xī yà
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 648 - 609) يەھۇدىي پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 640 - 609). ئۇ تەختتە بولغان مەزگىلدە جامائەتنىڭ ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتكەن، قەرز قوللۇق مۇددىتىنى ئالتە يىل بىلەن چەكلەپ، يەتتىنچى يىلى ئازاد قىلىشنى بەلگىلىگەن؛ يەھۋانى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر خۇدا دەپ چوقۇنۇشنى يولغا قويغان، ئېرۇسالىمنى دىنىي نەزىر - چىراق قىلىش مەركىزى قىلىپ بېكىتكەن. <ئىنجىل - تەۋرات> تىكى <دېئۇتېرونومۇ> ۋە كېيىنكى ئېرۇسالىم ئىبادەتخانىسىدىن تېپىلغان <قانۇننامە> لەردە ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى قەيت قىلىنغان. ئاخىرقى يىللىرى مىسىر فىرئەۋىنى نېكو Ⅱ ئەسكەر باشلاپ يەھۇدىي پادىشاھلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن. ئىئوسىيە مەغلۇپ بولۇپ ئۇرۇشتا قازا قىلغان.