Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئىئورگا
دائىرە: دۇنيا تارىخى约尔加
yuē ěr jiā
(1871 - 1940) رۇمىنىيە باش ۋەزىرى (1931 - 1932)، تارىخشۇناس. ياسىك، پارىژ، بېرلىن، لېيپسىگلەردە ئوقۇغان. 1890 - يىلى پۈتكۈل رۇمىنىيىلىكلەر مەدەنىيەت بىرلىك ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ چىقىشقا قاتناشقان ھەمدە ئۇزۇاق ۋاقىت بۇ تەشكىلاتلارنىڭ رەھبىرى بولغان. 1894 - يىلى بۇخارېست ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، كېيىن رۇمىنىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1906 - يىلى مىللىي دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1918 - 1920 - يىللىرى مىللىي مەجلىسنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇنىڭ <رۇمىنىيە تارىخى>، <تۈركىيە تارىخى>، <بالقان دۆلەتلىرى تارىخى>، <دۆلەتنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدىكى رۇمىنىيە خەلق تارىخى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى سۆككەنلىكتىن، فاشىستلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.