Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېخىنوكوك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
تېبابەت
ئىت تاسمىسىمان مەددە قۇرتىنىڭ لىچىنكىلىرى تەرىپىدىن قوزغىتىلدىغان پارازىت كېسەللىك. يېتىلگەن قۇرت ئىت ئۈچىيىدە ياشاپ، تۇخۇملىرى تەرەت بىلەن بىللە سىرتقا چىقىرىلىدۇ. قۇرت تۇخۇمى بىلەن بۇلغانغان يېمەكلىكلەر ئارقىلىق ئادەم ياكى ئۆي ھايۋانلىرى يۇقۇملىنىدۇ. قۇرت تۇخۇملىرى جىگەر ياكى ئۆپىكىگە ئورۇنلىشىپ، جىگەرنى زورايتىدۇ، جىگەر دائىرىسى ئاغرىيدۇ ياكى يۆتىلىدۇ. ئادەتتە ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ.