Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېۋوليۇتسىيە
بىئولوگىيە
<ئۆزگىرىپ بېرىش نەزەرىيىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ھاياتلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنى شەرھلەيدىغان نەزەرىيە. ئېۋوليۇتسىيە دېگەن ئاتالغۇنى ئەڭ بۇرۇن فرانسىيىلىك بىئولوگ لامارك (J.BLamarck) ئوتتۇرىغا قويغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىغا كەلگەندە ئەنگىلىيىلىك بىئولوگ دارۋىن (C.R.Da,via) <تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى> دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ ئېۋوليۇتسىيىنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى ياراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دارۋىن تەلىماتى دەپ ئاتالدى. كېيىن ۋېيسىمان (A.Weismann)ئاساسەن مېندېل (G.J.Mendel) ۋە مورگان(T.H.Morgan) ئېقىمىدىكى تەرەققىيات <يېڭى دارۋىنىزم> تەدرىجىي تەرەققىيات تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنى توساتتىن ئۆزگىرىش ۋە شالغۇتلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان گېنلارنىڭ قايتا گۇرۇپپىىشىشى ھەمدە تەبىئىي تاللىنىشنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەسىرىدىن پايدىلىنىپ چۈشەندۈردى. ياپونىيىلىك مولېكۇلا ئىۋوليۇتسىيىچى كىمۇرا (Kimura) 1986 - يىلى مولېكۇلا تەدرىجىي تەرەققىيات نېيتىرال تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مەيلى قانداق تۈر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئوخشاش ئاقسىلدىكى ئامىنو كىسلاتالارنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، ھاسىل بولغان توساتتىن ئۆزگىرىش نېيترال ياكى نېيتراللىققا يېقىنلىشىدۇ دېگەننى كۆككە كۆتۈردى. يەنى تەبىئىي تاللىنىش ھەم پايدىلىق ھەم پايدىسىز بولىدۇ؛ مولېكۇلىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدىكى بۇ توساتتىن ئۆزگىرىشلەرنىڭ تۈرگە توپلىنىشىنى ئۇ ئوڭ تاللىنىشتىن بولغان، ئىرسىيەتلىك لەيلىمە ئۆزگىرىش كەلتۈرۈپ چىقارمىغان دەپ قارىدى. ھازىرقى زامان بىئولوگىيىسىنىڭ تەرەققىياتى ھاياتلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ھەققىدە نۇرغۇن نەزەرىيىۋى ئاساسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جانلىقلار ەڭ بۇرۇن جانسىز ماددىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن بارلىققا كەلگەن دەپ قارايدۇ. ھازىر يەر شارىدا ياشاۋاتقان ھەر خىل جانلىقلار ئورتاق ئەجدادنىڭ ئۆزگىرىشى، ئىرسىيىتى ۋە تەبىئىي تاللىنىشى، ياكى نېيتىرال توساتتىن ئۆزگىرىپ لەيلەش ئارقىلىق تۆۋەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەرىجىلىككە، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، تۈرى ئازلىقتىن كۆپلۈككە قاراپ تەدرىجىي دېففېرېنسىيىلىنىپ ئۆزگىرىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن.
بىئولوگىيە
<تەدرىجىي تەرەققىيات> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جانلىقلار دۇنياسىنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلىشى، تۈرلەرنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەرىجىلىككە، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە ئۆزگىرىش جەريانىدۇر. <ئېۋوليۇتسىيە نەزەرىيىسى> گە قاراڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
بىئولوگىيە
شەيئىلەرنىڭ ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، تۆۋەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەرىجىلىككە قاراپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش جەريانى.
جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى توغرىسىدىكى نەزەرىيە. ئاساس سالغۇچى كىشى ئەنگلىيىلىك بىئولوگىيە ئالىمى دارۋىن، ھازىرقى زامان بىئولوگىيە ئىلمى يەنە خىلمۇخىل دەلىل - ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاساسلىق كۆز قارىشى: >ئەڭ دەسلەپكى جانلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەجدادى بىر، جانلىقلار تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزگىرىش، ئىرسىيەت ۋە تەبىئىي تاللىنىش ئارقىلىق تۆۋەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەرىجىلىككە، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، تۈرلىرى ئاز بولۇشتىن كۆپ بولۇشقا قاراپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان< دېگەندىن ئىبارەت.