Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېۋگلېنا
بىئولوگىيە
يالىڭاچ يۈسۈن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يالىڭاچ يۈسۈنلەر تىپى، يالىڭاچ يۈسۈنلەر ئائىلىسىگە كىرىدۇ. يۈسۈن تېنى يەككە ھۈجەيرىلىك بولۇپ، ئۇرچۇقسىمان ياكى بەزىدە سىلىندىرسىمان بولىدۇ؛ ئالدى تەرىپىدە بىر تال ئىنچىكە ئۇزۇن قىلئايىغى بولىدۇ، كەينى تەرىپى ئۇزىراپ قۇيرۇقسىمان ھالەتكە كېلىدۇ. ھۈجەيرىسىدە تالادىن تۈزۈلگەن ھۈجەيرە پوستى بولمايدۇ، بىر قەۋەت ئېلاستىك ئېپىدېرما پەردىسى بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ شەكلى ئاسان ئۆزگىرىدۇ. ئاز ساندىكىلىرىنىڭ ئېپېدېرما پەردىسى قاتتىق بولغاچقا، شەكلى تۇراقلىق بولىدۇ. ھۈجەيرىسى ئىچىدە بىر دانە يادرو، بىر ياكى بىردىن كۆپ پىگمېنت تەنچە بولىدۇ. فوتوسىنتېز ئېلىپ بارالايدۇ، بىراق بەزى تۈرلىرىدە پىگمېنت تەنچىسى بولمىغاچقا، ئورگانىك ماددىلارنى يۇتۇپ ئوزۇقلىنىدۇ. ھۈجەيرىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە ھۈجەيرە ئاغزى يۇتقۇلۇق ۋە بىردانە قىزىل كۆز توچكىسى بولىدۇ، كۆز توچكىسى نۇر سېزىش رولىنى ئوينايدۇ. كۆپىيىش ۋاقتىدا ھۈجەيرىسى توغرىسىغا ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، بەزىدە سپورا خالتىسىنى ھاسىل قىلىپ ناچار مۇھىتتىن ئۆتىدۇ. ئاساسەن تاتلىق سۇغا تارقىلىدۇ، تەركىبىدە ئورگانىك ماددا كۆپ بولغان سۇ ياكى نەم تۇپراقتىمۇ ياشايدۇ. بۇ سۇنىڭ بۇلغىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. زور مىقداردا كۆپەيگەندە سۇنى يېشىل، سارغۇچ قوڭۇر ياكى قىزىل رەڭگە ئۆزگەرتىپ سۇ گۈللىرىنى ھاسىل قىلىدۇ.