Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېۋدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئالدىرىدى.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئۇزۇ بارىپ ئۈكۈش ئەۋدىم
تەلىم يورىپ كۈچى كەۋدىم
ئاتىم بىرلە تەگۈ ئېۋدىم
مەنى كۆرۈپ يېنى ئاغدى
{كەينىدىن بېرىپ كۆپ ئالدىرىدىم،
جىق ئاۋارە بولۇپ، كۈچىنى ئازايتتىم (ھالسىراتتىم)،
ئېتىم بىلەن يېتىۋېلىشقا ئازلا قالدىم،
مېنى كۆرۈپ تۈكلىرى ھۈرپەيدى.}
بۆرە ھەققىدە ئېيتىلىدۇ: ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن ئالدىرىدىم، قوغلاۋېرىپ ھالىدىن كەتكۈزدۈم، ئېتىم بىلەن ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدىم، مېنى كۆرۈپ تۈكلىرى ھۈرپەيدى ( ئېۋەر _ ئېۋمەك).
1 - 226
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئالدىرىدى.
ئەر ئېۋدى _ ئادەم ئالدىرىدى ( ئېۋەر _ ئېۋمەك).
3 - 254