Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېۋانگېلسىتا
دۇنيا تارىخى
(1888 - 1942) فىلىپپىن كوممۇنىسىتىك پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. مەتبەئە ئىشچىلىقىدىن كېلىپ چىققان. 1911 - يىلى مەتبەئە ئىشچىلىرى بىرلەشمە ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. 1924 - يىلى ئورا (1891 - 1931) بىلەن ئىشچىلار پارتىيىسىنى تەشكىللەپ، ماركسىزم - لېنىنىزمنى تەرغىپ قىلغان. 1927 - يىلى ئىشچىلارقۇرۇلتىيىنىڭ سىكرىتارلىقىغا سايلانغان، 1929 - يىلى مەزكۇر تەشكىلات پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، ئايرىم ھالدا پرولېتارلار ئىتتىپاقىنى قۇرغان. 1930 - يىلى فىلىپپىن كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغان. ئىككىنچى يىلى 5 - ئايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىكرىتارلىقىغا سايلانغان. 1938 - يىلى فىلىپپىن سوتسىيالىستلار پارتىيىسى كوممۇنىستىك پارتىيىگە قوشۇلغاندىن كېيىن، پارتىيىنىڭ مىللىي ئىشچىلار كومىتېتى رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1942 - يىلى ياپون ئارمىيىسى فىلىپپىننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، خەلقنى تەشكىللەپ تاجاۋۇزچىلارغا زەربە بەرگەن، شۇ يىلى قولغا ئېلىنىپ قۇربان بولغان.