دائىرە: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىئۇزاتماق، ھەمراھ بولماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قولىدىكى نەرسىنى باشقا بىرىگە قولىنى سوزۇپ تۇتقۇزماق، سۇنماق.
باشلىق قول يازمىنى ماڭا ئۇزاتتى - دە، كەسكىن ھالدا گەپ تاپىلىدى.
بىرەر تەرەپكە قارىتىپ سوزماق، تەڭلىمەك (قول، پۇت ھەققىدە).
مېۋىسىز دەرەخقە كىم باقىدۇ، مېۋىلىك دەرەخقە ھەر كىم قول ئۇزىتىدۇ (ماقال).
بىرەر جايغىچە ھەمراھ بولۇپ يولغا سېلىپ قويماق.
مەن قايتقاندا، رىزۋان مېنى چوڭ دەرۋازىغىچە ئۇزىتىپ قويدى.
يولغا سالماق، ماڭدۇرماق.
ئىشخانىدىكىلەر ئابباس بىلەن ساددىققا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۇلارنى ئۇزاتتى.
تۇرمۇشقا چىقارماق، ئەرگە بەرمەك.
قىز ئۇزاتماق.
ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى پۈتكۈزۈپ دەپنە قىلماق.
شاھزادە دادىسىنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزىتىپ نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈپتۇ.
كۆچمە. مېھمان قىلماق.
- ھېلىقى گىلەم ئالىمىز دەپ يىغىپ يۈرگەن 200 يۈەن پۇلنى بۈگۈنلا بانكىدىن ئەكېلىڭ، شۇ پۇل بىلەن مېھمانلارنى ئۇزىتىۋالارمىز، - دېدى ئايالىم.