Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇز
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
چىرايلىق، ياخشى، نەپىس:
خوتەندەك يوقتۇرۇر ھېچيەردە تاربۇز،
سىفاتىن قانچە قىلسام كۆرۈنۇر ئۇز.
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ياخشى، چىرايلىق، نەپىس، جان، كۆڭۈل، روھ؛ چىۋەر، چاققان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رەڭگى _ رويى يېقىملىق، كېلىشىملىك، كۆرۈنۈشى كىشىگە خوشاللىق بېغىشلايدىغان.
چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، سۆيگەن چىرايلىق. چىرايلىق قىز بالدۇر توزار. گۈزەل نام گۈزەل چىرايدىن ئەلا. كۆركەمنىڭ كۈركى بار. ئۇز ئوزىدۇ. ئاز قىل، ئۇز قىل. ئاي جامال، ئاي يۈزلۈك، گۈل جامال ئاي ۋە گۈلگە ئوخشىتىشتىن ھاسىل بولغان. تەيۋەندە بۇلتۇر ساھىبجامال قىز تاللاش بولۇپ ئۆتتى. شاھزادە ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس قىزنى كۆرۈپ ھوشىدىن كەتتى. پادىشاھنىڭ ئاي دېسە ئاغزى بار، كۈن دېسە كۆزى بار بىر قىزى بار ئىكەن. يىراق _ يېقىندىكى شاھزادىلەر ئاشىقىي بىقارار بولۇپ يۈرىشىدىكەن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
چىرايى، ھۆسنى، جامالى ۋە ئومۇمەن كۆرۈنۈشى كېلىشكەن، يارىشىملىق، يېقىملىق.
سەت، خۇنۇك، كۆرۈمسىز، بەتبەشىرە، سۆرۈن تەلەت
چىرايى، ھۆسنى، جامالى، تەلەتى ۋە ئومۇمەن كۆرۈنۈشى كېلىشمىگەن، يارىشىملىق يېقىملىق ئەمەس.
چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، سۆيگەن چىرايلىق. چىرايلىقنىڭ دەردى يامان، سەتنىڭ ھالى. كۆرۈپ يۈرگەن چىرايلىقنى ئالغۇچە، كۆرۈپ بىلگەن سەتنى ئال. ئادەم پەقەت ھۆسنى بىلەن گۈزەل ئەمەس، ئادىمىيلىك جەۋھىرى بىلەن گۈزەل. مانتىغا پىياز، سامسىغا تۇز، ھەركىمنىڭ يارى ئۆزىگە ئۇز. لايىقىڭ خۇنۈك بولسا، قېيىن ئاناڭنىڭ كۆركىدىن نېمە پايدا. گۈزەل قىز ئاقىۋەت سەت موماي بولار. كۆرۈمسىز بولسىمۇ ئېرىڭ بولسۇن. خۇنۈكنى پەردازلىساڭمۇ خۇنۈك. دۈشمەننى بەتبەشىرىسى ئاشكارا بولدى. ئالدىمغا بىر سۆرۈن تەلەت خوتۇن چىقتى. ئون سەككىز يېشىڭ - زىبا چېغىڭ، ساھىبجامال تاللاش مۇسابىقىسىدە مۇنەۋۋەر بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
چىرايلىق، گۈزەل؛ ماھىر (قول ئىشى، ئۆي كارىغا ماھىر). ئاز قىل، ئۇز قىل (ماقال).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۇز كىشى _ قولى ئەپلىك كىشى، ئىش - ھۈنەرگە ماھىر ئادەم.
1 - 64
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يول، بوغۇز
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
چىرايلىق، گۈزەل.
ئۆزىنىڭ بالىسى ئۇز، كىشىنىڭ بالىسى تۇز (ماقال).
ماھىر، چېۋەر.
بۇ قىزنىڭ ئۆي ئىشىدا قولى ئۇز ئىكەن.
ئاز قىل، ئۇز قىل (ماقال).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
چىرايلىق، گۈزەل؛ چىۋەر، ماھىر
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئۇز، چىرايلىق، كېلىشكەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ياخشى، گۈزەل، ساھىبجامال؛ ئۇيغۇن، توغرا. ئۇستا. پاكىز، دىققەتنى تارتىدىغان؛ پىشقان، ئەقىللىق، چۈشىنىشلىك، يېقىن، چىن كۆڭىلىدىن.