ئۇرانⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] قۇياش سىستېمىسىدىكى توققۇز چوڭ پلانېتىنىڭ بىرى. قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ يىراق-يېقىنلىق تەرتىپى بويىچە سانىغاندا 7-پلانېتا ھېسابلىنىدۇ. قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىش دەۋرى تەخمىنەن 84 يىل، يورۇقلۇق دەرىجىسى ئاجىزراق كېلىدۇ. ئۇنى پەقەت تېلېسكوپ ئارقىلىقلا كۆرگىلى بولىدۇ. يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى - 002℃سىرتىدىكى ئاتموسفېرا قەۋىتىنىڭ تەركىبى ئاساسەن ھىدروگېن بىلەن مېتاندىن ئىبارەت. ئۇنىڭ يەنە سەككىز نۇر ھالقىسى ۋە بەش دانە ھەمراھى بار.