Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇران
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
رادىئو ئاكتىپ مېتال ئېلېمېنت، ئاتوم تەرتىپى 92، بەلگىسى U، ئاتوم ئېغىرلىقى238
,902 .
ئۇران ماددىسى. * ئۇران كانى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يۇلتۇز، قۇياش سىېمىسىدىكى 7 - سەييارە.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
شۇئار، چاقىرىق، سۇرەن، چۇقان.
ئۇران توۋلماق. * نەۋكەرلەر ئۇران قىچىقىرىپ ئۆتۈشتى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
گەپ - سۆزنىڭ سالمىقى، ئاھاڭى، ئىنتوناتسىيە.
ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئۇرانىدىن قارىغاندا، ئۇ خېلى خاپا بولغان ئوخشايدۇ.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
شۇئار؛ چاقىرىق؛ سۈرەن، چوقان.
مېتال ۋە ئېنېرگىيە
ئۇران ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىدە92 - ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ نامنى گېرمانىيىلىك M.H. كلاپروت1786 - يىلى بايقالغان پلانېت ئۇران (sunarU) نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن قويغان.1896 - يىلى فرانسىيىلىك ھېنرى بېككۇرېل ئۇرانلىق بىرىكمىلەرنىڭ سۈرەت نېگاتىپىنى نۇرلاندۇرىدىغانلىقىنى تاسادىپىي بايقاپ، ئۇران رۇدىسىنىڭ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان نۇر چىقىرىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغان. بۇ خىل خۇسۇسىيەت رادىئوئاكتىپلىق دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئالىملار رادىئوئاكتىپ نۇرلارنى قوبۇل قىلالايدىغان بىر خىل ئەسۋابنى لايىھىلەپ، ئۇ ئارقىلىق ئۇران كېنىنى قىدىرىپ تەكشۈرگەن.
ئۇران تاغ جىنسلىرىدا كۆپىنچە بىرىكمە ماددا ھالىتىدە ئۇچرايدۇ، دۇنيادا ھازىرغىچە بايقالغان ئۇران مىنېرالى بىلەن تەركىبىدە ئۇران بولغان مىنېرال190 خىلغا يېتىدۇ. سانائەتتە قېزىش قىممىتى بولغانلىرىدىن ئاساسلىقى قارا رەڭلىك ئوكسىدلىق كرىستاللىق ئۇران رۇدىسى، ئاسفالتلىق ئۇران رۇدىسى، كالىي - ۋانادىيلىق ئۇران رۇدىسى، سىلىتسىي - كالتسىيلىق ئۇران رۇدىسى قاتارلىقلار.1987 - يىلىغا كەلگەندە دۇنيادا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئۇراننىڭ زاپاس مىقدارى2 مىليون670 مىڭ توننىغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئا ق ش دىكىسى407 مىڭ200 توننا بولۇپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
دېڭىز سۈيىنىڭ تەركىبىدىمۇ ئۇران بار، ئۇنىڭ زاپاس مىقدارى تەخمىنەن4 مىليارد توننا كېلىدۇ.20 - ئەسىرنىڭ60 - يىللىرىدىن بۇيان، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دېڭىز سۈيىدىن ئۇران ئايرىپ ئېلىش ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى. ياپونىيە ئىلغار بولغان بىر خىل ئالىي دەرىجىلىك ئادسوربېنتنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، ئۇنى دېڭىزغا چۆكتۈرسە، ھەربىر گرامى تۆت مىللىگرام ئۇراننى سۈمۈرىدۇ، بۇ ئادەتتىكى تىتانىك كىسلاتا تېخنىكىسىنى قوللانغانغا قارىغاندا20 ھەسسە يۇقىرى.
ئەگەر يەر شارىدىكى ئۇراندىن تولۇق پايدىلىنىلىدىغان بولسا، ئۇران ئېنېرگىيىسى كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئومۇمىي ئېنېرگىيە مىقدارىنىڭ10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.1 مىليون كىلوۋاتلىق ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسى بىر يىل ئىچىدە2 مىليون500 مىڭ توننا كۆمۈرنى سەرپ قىلىدۇ، ئەگەر ئۇران ئىشلىتىلسە تەخمىنەن100 توننىلا كېتىدۇ. ئەگەر تېخىمۇ ئىلغار بولغان چوڭ تىپتىكى تېز نېيترون كۆپەيتىش رېئاكتورىدىن پايدىلىنىلسا، ئۇران ئېنېرگىيىسى يىمىرىلىش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ يېڭى تىپتىكى يادرو يېقىلغۇسىنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇنىڭغا پەقەت بىر توننا ئۇران بولسىلا كۇپايە.
كىشىنى ئېچىندۈرىدىغىنى شۇكى، ناھايىتى ئۈمىدلىك بۇ خىل يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسى دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا، ئۇنىڭدىن زور كۆلەملىك قىرغۇچى قورال − ئاتوم بومبىسى ياسالدى.1945 - يىلى8 - ئايدا، ئا ق ش ئىككى دانە ئاتوم بومبىسىنى ياپونىيىدىكى خروشما ۋە ناگاساكىغا تاشلاپ، نەچچە يۈز مىڭ ئادەمنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈشى ۋە رادىئوئاكتىپلىق زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە قورقۇنچلۇق سايە پەيدا بولدى.1954
- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇنجى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ھەرقايسى دۆلەتلەر بەس - بەستە يادرو ئېلېكتر سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇردى. ئا ق ش يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ئارقىلىق چىقارغان توكنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ؛ فرانسىيىدە يادرو توكنىڭ ئومۇمىي تارقاتقان توك مىقدارىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى% 70 كە يېتىدۇ، فرانسىيە بۇ جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئېلىمىزدە چىنشەن يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى بىلەن گۇاڭدۇڭدىكى دايا قولتۇقى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلدى.1986
- يىلى4 - ئايدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى چېرنوبىل يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقە بەزى كىشىلەرنىڭ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان گۇمانىنى قوزغىدى. ئەمما ئالىملارنىڭ كېسىپ ئېيتىشىچە، باشقۇرۇش ۋە تېخنىكا جەھەتتە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللانسىلا، ۋەقەدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىرقى تېخنىكىلارغا تايىنىپ ۋەقەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن تامامەن ساقلانغىلى بولىدۇ.
يادرو ئېنېرگىيىسى ئارقىلىق چىقارغان توكنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپ، پايدىلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىمۇ ياخشى. ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا گەرچە ئۇنىڭغا سېلىنىدىغان مەبلەغ بىرقەدەر كۆپ بولسىمۇ، ئەمما يېقىلغۇ خىراجىتى بىرقەدەر تۆۋەن، يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ تەننەرخىنى ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ يېرىمى ئەتراپىدا تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. يادرو ئېنېرگىيىسى مۇشۇ ئەسىردىكى مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى بولۇپ قالغۇسى.
قۇياش ئائىلىسى
ئۇران ئىنسانلار قۇياش سىستېمىسىدىن تۇنجى بولۇپ بايقىغان يېڭى سەييارىدۇر. ئۇ بايقىلىشتىن بۇرۇن، كىشىلەر قۇياش سىستېمىسىدىكى مېركۇرىي، ۋېنېرا، يەر شارى، مارس، يۇپىتېر، ساتۇرن قاتارلىق ئالتە سەييارىنىلا بىلەتتى.1781 - يىل3 - ئاينىڭ13 - كۈنى كەچتە، تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئاسترونومىيىسى پېشۋاسى − ھېرشېل ئۆزى ياسىغان تېلېسكوپ ئارقىلىق ئۇراننى بايقىدى. بۇ بايقاش ئارقىلىق قۇياش سىستېمىسى ساتۇرننى پاسىل دائىرىسى قىلىدۇ، دېگەن قاراش تۇنجى قېتىم بۇزۇپ تاشلاندى، بۇ بايقاش ئاسترونومىيىدە ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى.
ئۇرانمۇ بىر چوڭ سەييارە، دىئامېتىرى يەر شارى دىئامېتىرىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە يېقىنلىشىدۇ، ھەجىمى يەر شارى ھەجىمىنىڭ60 نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇراننىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش دەۋرى84 يىل بولغاچقا، ئۇنىڭ يۇلتۇز تۈركۈملىرى ئارىسىدىكى ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىنتايىن ئاستا بولىدۇ. ئۇراننىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئوتتۇرىچە ئارىلىقى تەخمىنەن2 مىليارد864 مىليون كىلومېتىر، بۇ، يەر شارى بىلەن قۇياش ئارىلىقىنىڭ تەخمىنەن19 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىنتايىن يىراق بولغاچقا، قۇياشتىن ئالىدىغان ئىسسىقلىقىمۇ ئاز بولىدۇ. ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇران سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى200 - سېلىسىيە گرادۇستىنمۇ تۆۋەن ئىكەن.
ئۇراننىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى5 .15 سائەت، لېكىن ئۇنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ھەرىكىتى ئىنتايىن غەلىتە. ئەگەر ئۇنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ئوقىنى ئۇنىڭ «گەۋدە» سىنىڭ يۆنىلىشى، دەپ قارىساق، ئۇ تىك ھالەتتە ئايلانماستىن، بەلكى ياتقان ھالەتتە ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇ84 يىلدا قۇياش ئەتراپىنى بىر ئايلىنىش جەريانىدا، بەزىدە «باش» تەرىپى قۇياشقا يۈزلەنسە، بەزىدە «پۇت»تەرىپى قۇياشقا يۈزلىنىدۇ. بۇ خىل ئۆز ئوقىدا غەلىتە ئايلىنىش ھەرىكىتى، ئۇراندىكى «تۆت پەسىل» نىڭ ئۆزگىرىشىنى ناھايىتى بىنورمال قىلغان. «ياز پەسلى» ۋە «قىش پەسلى» دە ئۇراننىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ئوقى قۇياشقا قاراپ تۇرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كۈنگەي تەرەپ ئۇزاق مەزگىل قۇياش نۇرىنى قوبۇل قىلىدۇ، ھەر كۈنى كۈندۈز بولىدۇ، تېمپېراتۇرىسىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ؛ تەسكەي تەرەپتە بىرنەچچە يىل ھەر كۈنى كېچە بولىدۇ، تېمپېراتۇرىسىمۇ نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ. «ئەتىياز پەسلى» ۋە «كۈز پەسلى» دە ئۇراندا كېچە ۋە كۈندۈز ئايرىلغان بولىدۇ. ئەمما ئىككى قۇتۇپقا يېقىنلاشقانسېرى كېچە - كۈندۈزنىڭ ئۆزگىرىش ۋاقتى قىسقىراپ بارىدۇ.
ئۇراننىڭ جەمئىي15 دانە ھەمراھىنىڭ بارلىقى خېلى بۇرۇنلا بايقالدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى تىتانىيە بىلەن ئوبېروننى ھېرشېل1786 - يىلى بايقىغان، ئۇرانغا ئەڭ يېقىن بولغان مىراندانى بولسا ئاسترونوملار1948 - يىلىغا كەلگەندە ئاندىن بايقىغان. ئىلگىرى كىشىلەر ساتۇرننىڭ بىر چىرايلىق نۇر ھالقىسى بارلىقىنى بىلەتتى.1977 - يىلى3 - ئايدا، ئۇران بىر دانە تۇرغۇن يۇلتۇزنى يوقىتىۋەتكەن (يەنى تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ نۇرىنى توسۇۋالغان)، بۇ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ھادىسە، ئاسترونوملار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇراننىڭ ئەتراپىدا ساتۇرننىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر چىرايلىق نۇر ھالقىسىنىڭ بارلىقىنى، بۇ نۇر ھالقىسى چوڭ - كىچىك توققۇز تال نۇر بەلۋېغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايقىدى. كېيىن يۇپىتېرنىڭمۇ، نېپتۇننىڭمۇ نۇر ھالقىسى بارلىقىنى بايقىدى. ئەھۋالدىن قارىغاندا، سەييارىلەر ھالقىسى چوڭراق سەييارىلەردە بولىدىغان ئورتاق ئالاھىدىلىك ئىكەن.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
شۇئار، كوماندا؛ بايراق، بەلگە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
خىمىيە
رادىئو ئاكتىپ مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى (Uranium)U. قارامتۇل كۈل رەڭ پاراشوك ھالەتتىكى ماددا ياكى كۈمۈش رەڭلىك كرىستال، B، a ۋە Y نۇرلىرىنى تارقىتىدۇ، ئەڭ تۇراقلىق ئىزوتوپىنىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى 4 مىليارد 500 مىليون يىل. ئۇراننىڭ تەبىئەتتە تارقىلىشى ئىنتايىن ئاز، ئاتوم ئېنېرگىيىسى ھاسىل قىلىشتا قوللىنىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بولۇۋاتقان گەپ - سۆز تەلەپپۇزى ۋە سۆزلىگۈچىنىڭ كەيپىياتىغا ئاساسەن قىياس قىلىنغان مەنە.
ئۇ گېپىمنىڭ ئۇرانىدىن كۆڭلۈمدىكىنى چۈشەنگەن بولسا كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە>گرېكچە
ئاسترونومىيە
قۇياش سىستېمىسىدىكى توققۇز چوڭ پلانېتىنىڭ بىرى. قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ يىراق - يېقىنلىق تەرتىپى بويىچە سانىغاندا 7 - پلانېتا ھېسابلىنىدۇ. قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىش دەۋرى تەخمىنەن 84 يىل، يورۇقلۇق دەرىجىسى ئاجىزراق كېلىدۇ. ئۇنى پەقەت تېلېسكوپ ئارقىلىقلار كۆرگىلى بولىدۇ. يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃ 200 - سىرتىدىكى ئاتموسفېرا قەۋىتىنىڭ تەركىبى ئاساسەن ھىدروگېن بىلەن مېتاندىن ئىبارەت. ئۇنىڭ يەنە سەككىز نۇر ھالقىسى ۋە بەش دانە ھەمراھى بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سۈرەن، چۇقان؛ شوئار، چاقىرىق.
ئوران توۋلىماق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
يېتەرلىك، ئۇستا، پىشىپ يېتىلگەن.