Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر _ بىرىگە باغلىماق.
چاتقاننىڭ چاتىقى يوق، چاتاقنى چاتقىلى بولمايدۇ. ئۇلىغانغا ئۇنىمىغان، يۇنىغانغا ئۇنايدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ھۇۋلىماق، دەرد تۆكمەك، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يىغلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يىپ، سىم، ئارقان قاتارلىقلارنىڭ ئۇچلىرىنى باغلاپ، چىگىپ بىرلەشتۈرمەك.
يىپنى ئۇلىماق. سىمنى ئۇلىماق.
بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرماق، تۇتاش ھالەتكە كەلتۈرمەك.
ۋەي، تېلېفوننى مۇدىر ئىشخانىسىغا ئۇلاپ بېرىڭە!
يېتىشتۈرۈلىدىغان سورتلۇق تۈپنىڭ بىخى ياكى نوتىسىنى يەنە بىر تۈپكە ئورۇنلاشتۇرماق.
مەنمۇ يېنىپ مەكتەپتىن بوۋام بىلەن ئىشلەيمەن، ئۇلاق ئۇلاپ بوۋامدەك، يېتىشمەكنى كۆزلەيمەن.
كۆچمە. بىرىدىن كېيىن باشقىنى قوشۇپ داۋاملاشتۇرماق.
ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇمۇ ماڭا ئوخشاشلا كىرپىك قاقماي تۈننى تاڭغا ئۇلىغان ئوخشايدۇ.
كۆچمە. قوشماق، باغلىماق (كۆڭۈل، يۈرەك ھەققىدە).
نە قىلاي، نېمە قىلاي، غېرىب كۆڭلىنى ئۇلىماي، ئەر بولسام كەتمەسمىدىم، ئىچىمگە دەردنى سولىماي.
قوشماق؛ ئۇزارتماق.
نىمجان بالىسىغا ئۆمۈر ئۇلىغان، ئانىدەك مېھرىنى بېرىپ ئۆتكەنىدى. بىر تالمۇ باشاقنى قالدۇرماي ئالا، تەپتەكشى دورىلار سېپىپ ئۆتكەنىدى.