Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇلى بوش
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئۇلى پۇختا ئەمەس، ئۇلى ئاجىز.
ماڭا قارا، مانا بۇ يەر پوك - پوك قىلىۋاتىدۇ. قارىغاندا تامنىڭ ئۇلى بوش مۇشۇ يەرنى كولاپ كۆرمەمدۇق.
كۆچمە. ئاساسى چىڭ، پۇختا ئەمەس، ئاساسى ئاجىز (ئىلىم - پەن، ھۈنەر - سەنئەت ۋە باشقا جەھەتلەردە).
بۇ ئىنىمىز باشلانغۇچ مەكتەپتە ياخشى ئوقىمىغان، ئۇلى بوش، بۇ خىزمەتنى قىلىپ كېتىشكە قىينىلىدۇ، شۇڭا ھەر قايسىلىرىنىڭ كۆپرەك ياردەم قىلىشىلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز.