Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇلا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يول بەلگىسى.
ئۇلا بولسا، يول ئازماس، بىلىك بولسا، سۆز يازماس (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يالقۇن، ئوت.
ئىت ئۇۋلىغان يەرگە بارما، ئۇلا كۆرۈنگەن يەرگە بار (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئۇلىماق، ئۇلاش. بىر - بىرىگە چاتماق، ئۇزۈكنى تۇتاشتۇرماق.
ئارغامچىنى ئۈزۈلگەن يېرىدىن ئۇلىدۇق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چۆلدە يول كۆرسىتىىدىغان بەلگە. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئۇلا بولسا يول ئازماس بىلىك بولسا سۆز يازماس _ بەلگە بولسا، يولدىن ئازماس، بىلىم بولسا، سۆزدىن قايماس. چۆللەردە يول كۆرستىدىغان بەلگە بولسا، يولدىن ئېزىپ كەتمەيدۇ، كىشىدە بىلىم بولسا، سۆزدە يېڭىلىشمايدۇ.
1 - 123
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
داۋاملاشتۇرماق، ئۇلىماق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئازابلىماق