Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇل
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
بىنا، تام قاتارلىقلارنىڭ ئاساسىي، پوندا مېنتى، تەكت قىسمى.
ھەر بىر ئىشنىڭ يولى بار، ھەر تامنىڭ ئۇلى (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ناننىڭ ئارقا تەرىپى.
ناننىڭ ئۇلى كۆيۈپ كېتىپتۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تام، ئۆي - ئىمارەتنىڭ گەۋدىسىنى يۆلەپ تۇرىدىغان ئەڭ ئاستى قەۋىتى.
بىنانىڭ ئاساسى ئۇنىڭ ساقچىسى. ھەممە ئىشنىڭ يولى بار، ھەممە تامنىڭ ئۇلى. ئۇلى ناچار بىنا ياخشى بولماس.
شىۋىلەر
نەرسىنىڭ تېگى، ئارقىسى. مەسىلەن: ناننىڭ ئۇلى - ناننىڭ ئارقىسى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۇل~ ھۇل.
مەسىلەن:« تام ئۇلى _ ئۇلى» دېگەندەك.
1 - 67
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<بىن> بىنا، تام، دامبا قاتارلىقلارنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى تۇتۇپ، كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان، يەر بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدىغان تەكت قىسمى.
ھەر بىر ئىشنىڭ يولى بار، ھەممە تامنىڭ ئۇلى بار (ماقال).
بىرەر نەرسىنىڭ ئاستى قىسمى (نان ھەققىدە).
ئانا ئورنىدىن تۇرۇپ تاختا بېشىدىن پىچاق ئالدى. پىچاقنىڭ ئۇچىنى پەم بىلەن ناننىڭ ئۇلىغا تىقتى.
كۆچمە. كېلىش مەنبەسى، تايانچى، ئاساس.
- ئەگەر مېنىڭ ئاساسىي بىر ئۆلۈم بولغان بولسا، ئەلدىكى بۇ چاكىنىلارنىڭ ھېچقايسىسسدىن ئەندىشەم يوق ئىدى، - دەپ تاشلىدى لىتىپ