Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۈستىگە چۈشمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش، مەسىلە بولۇۋاتقان پەيتنىڭ دەل ئۆزىدىلا پەيدا بولماق ياكى يېتىپ كەلمەك.
بىر لۈكچەك ئۆيدىن چىقىپ مەخسۇت بەگكە: - بېگىم، دەل ئۈستىگە چۈشتۇق، توختى، بايىز ئۆيدە ئىكەن، ئالماسنىڭ ئانىسىمۇ.... - دېدى.
بوينىغا چۈشمەك، زىممىسىگە چۈشمەك.
ئون نەچچە يىل بۇرۇن، ئاتىسى قازا تاپقاندىن بۇيان، پۈتۈن بىر ئائىلىنىڭ غېمى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ قالدى.