Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۈسكۈنە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىلەر ياسىغان ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىدىغان ۋاستە.
دېھقانچىلىق سايمانلىرى، مېدىتسىنا ئەسۋانلىرى. تۆمۈر ئەسۋاب ئىشلىتىلمىسە دات باسىدۇ. ئىش قورالىڭ ساز بولسا، مۇشەققىتىڭ ئاز بولار. ھارۋىكەشنىڭ جابدۇقى پۈتمەس. ياغاچتا ياسالغان سايماننىڭ پانا يېمەيدىغىنى يوق. ئۇستام ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ئاۋارە، قۇشناچىم ئۇپا - ئەڭلىكلىرى بىلەن ئاۋارە. دەستىگاھ پۇختىنىڭ ئىشى پۇختا. ئەنجام تولۇق بولسا، ئىش پۈتۈن بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئىدارە - جەمئىيەت، زاۋۇت فابرىكا، كارخانا ۋە ئائىلىلەرگە كېرەكلىك نەرسىلەر، جاھاز.
ئۆي ئۈسكۈنىلىرى. كارخانا ئۈسكۈنىلىرى.
ھۈنەر - كەسىپكە زۆرۈر بولغان قورال، سايمانلار.
ياغاچچىلىق ئۈسكۈنىلىرى. تېبابەتچىلىك ئۈسكۈنىلىرى.