Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇچۇز
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرزان، ئاسان، ئوڭاي؛ خار، پەس؛ ئۇچۇزلادى - خارلىدى؛ ئۇچۇزلاندى - ئەرزان كۆردى، كەمسىتتى؛ ئۇزگەلى ئۇچۇز - ئۈزۈش ئاسان.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ئاجىز، خار، پەس؛ ئەرزان.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۇچۇز ناڭ _ ئەرزان نەرسە. خار ۋە پەس كىشىمۇ « ئۇچۇز» دېيىلىدۇ. بەگ ئانى ئۇچۇزلادى _ بەگ ئۇنى خارلىدى.
1 - 76
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئاسان، ئوڭاي، قولاي، ئاز، سەل قارىماق، كۆزگە ئىلماسلىق