Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇچۇرما
شىۋىلەر
ئۇچار قاناتلار بالىلىرىنىڭ ئۇچۇش دەرىجىسىگە يېتىشى. كۆچمە: قىز بالىنىڭ ياتلىق بولۇش يېشىغا يېتىشى. مەسىلەن: قالغاچنىڭ بالىلىرى ئۇچۇرما بوپتۇ؛ بۇ قىز ئۇچۇرما بوپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەمدىلا ئۇچۇشقا باشلىغان، ئۇچۇش دەرىجىسىگە يەتكەن، ئۇچۇش ئىقتىدارى يېتىلگەن (ئۇچار قۇش ھەققىدە).
تېنىمگە جان، كۆزۈمگە نۇر، قولۇمغا شام - چىراغ بەردىڭ، ئۇچۇرما قۇش ئىدىم، سەندىن قاناتىم ئالدى قۇۋۋەتنى.
كۆچمە. ياتلىق بولۇش يېشىغا يەتكەن (قىزلار ھەققىدە).
- ئۇچۇرما بولغان قىزلار خېلى كۆپ - دېدى ئۇ ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ، - ئۇلارنىڭ ئىچىدە قايسىسى ھېزىمگە باب كېلەركىن تاڭ؟
كۆچمە. ئەتراپقا تارقالغان.
بۇ ئۇچۇرما گەپلەر پەرھادقا يېقىپ، كۆڭلىدە راھەتلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئاغزىدا تۈزۈت قىلدى.