Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇچار
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<>ئۇچماق<>پېئىلىنىڭ سۈپەتدىشى .
ئۇچار گىلەم. تىك ئۇچار ئايروپىلان .
كۆچمەن . ناھايىتى تېز يۈرىدىغان : ئۇچار ئات .
خالايىق، بەكمۇ تېز دەيدۇ ئۇچار تۇلپارنى، شۇڭقارنى، ئۇلارنى ئارقىدا تاشلاپ جەسۇر-مەردانە ماڭغان قىز .
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۇچىدىغان قۇشلار .
ئۇ يەردە تۈرلۈك- تۈمەن ئۇچار قانات، جان - جانىۋارلار جىق بولۇپلا قالماستىن، بىرتقۇچ ھايۋانلارمۇ بار ئىكەن .
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇچىدىغان، ئۇچقۇچى.