Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇچ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
نەرسىلەرنىڭ باشلانغان ياكى تۈگىگەن يېرى، ئۈستى، بېشى.
ئۇچلۇق.* قەلەم ئۇچى.* يىپ ئۇچى.* مۇنارنىڭ ئۇچى.* دەرەخنىڭ ئۇچى. * ئۇچىغا چىقماق. * گەپنىڭ ئۇچىنىلا چىقىرىپ قويماق. * تىلنىڭ ئۇچىدىلا سۆزلەپ قويماق. * خېمىر ئۇچىدىن پېتىر (ماقال).* ئەگرى تاياقنىڭ ئۇچى بۇرنىڭنى يارار (ماقال). * يىڭنىنىڭ ئىككى ئۇچى تەڭلا ئۇچلۇق بولمايدۇ (ماقال).* تىلنىڭ ئۇچىغا كەلگەن سۆز - تالاي يەرگە كەتكەن سۆز (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
1. ئۇچىماق، ئۇچۇش. كۆكتە، ھاۋادا ھەرىكەتلەنمەك، پەرۋاز قىلماق.
قۇشلار جەنۇبقا ئۇچۇپ كەتتى. * ئۇچقۇر، ئۇچقۇچ. * توخو ئۇچسا تامغا قونار، لاچىن ئۇچسا تاغقا (ماقال).* ئۇچۇشتىن بۇرۇن چۈشۈشنى ئويلا (ماقال).
2. پارغا ئايلانماق. بېنزىن قاچىلانغان باكنىڭ ئاغزىنى چىڭ ئەتمىسەڭ، بېنزىن ئۇچۇپ كېتىدۇ.
3. سۇنماق، ئۈزۈلمەك. چىنىنىڭ گىرۋىكى ئۇچۇپ كېتىپتۇ. * ئۇ جوغىسى ئۇچۇپ كەتكەن چەينەكتە چاي قۇيدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يىپ ئىگىرىش ئۈچۈن ئېتىلغان پاختىدىن تەييارلانغان پىلتە. ئۇچ ئىگىرمەك.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئۇچ ئەل - چېگرا، چېگرىدىكى ئەل.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۇچ
(«ا - ئېلىف» قاتتىق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) مەشھۇر بىر شەھەرنىڭ نامى.
1 - 49
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۇچ.
نەرسىنىڭ ئۇچ، پۇتاق ئۇچى _ پۇتاق ئۇچى، شاخ ئۇچى.
1 - 62
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۇچ ئېل _ چېگرا، چېگرىدىكى ئەل.
1 - 62
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بىرەر نەرسىنىڭ تۈگەپ كېتىشى. بويدا نە ئۇچ بار _ كىشىلەر توپى - قەبىلە (كۆپ بولغىنى ئۈچۈن) تۈگمەيدۇ.
ئوغۇزچە.
1 - 62
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئۇزاق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ۋاپاغا ۋاپا قىلىش، ياندۇرۇش
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى . نەرسىلەرنىڭ ئىنچىكىلەشكەن، ئۆتكۈر تەرىپى.
يىڭنىنىڭ ئۇچى، بىگىزنىڭ ئۇچى، نەيزىنىڭ ئۇچى .
يىپ،سىم،تاياق قاتارلىقلار تەرەپلىرىنىڭ بىر بېشى .
ئارغامچىنىڭ ئۇچى. تاياقنىڭ ئۇچى .
قول،پۇت، بۇرۇن قاتارلىق ئەزالارنىڭ ئاخىرقى قىسىم .
بارماقنىڭ ئۇچى، ساقالنىڭ ئۇچىنى قىرقىماق .
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئېگىرىش ئۈچۈن ئېتىلغان پاختىدىن تەييارلانغان پىلتا .
ئۇچ ئېگىرمەك .
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئۈچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ قەدىمكى نامى
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇچتۇرپاننىڭ قەدىمكى نامى.