Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېتىشىش
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇش <ئۇرۇش>، <سوقۇش> ئومۇمىي ئاتىلىشى.
<جەڭ> ئۇرۇشنىڭ مەلۇم دائىرە، مەلۇم ۋاقىت ئىچىدىكى ئايرىم بۆلىكى. خەنزۇچە: 战. كونكرېت ئەھۋالدا <كۈرەش> مەنىسىنى بېرىدۇ.
<ئېتىشىش> ئىككى تەرەپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر - بىرىگە
ئالەمنى بىلگەنلەر دېيىشەر ھامان، ئۇرۇش تاشقىرىدىن كۆرۈشكە ئاسان. شۋېيتسارىيىدە 600 يىلدىن بېرى سوقۇش بولماپتۇ. جەڭ تۈگىمەي ئېتىڭنىڭ ئېگىرىنى ئالما. تىنچ پۈتەر ئىشقىمۇ جەڭ - يېغا ئاچقان، ئادەمنىڭ ئەقلىنى، دېمەك، چاڭ باسقان. 1945 - يىلىنىڭ باشلىرىدا ماناستا قاتتىق ئېتىشىش بولغان. يېغا چىقسا، يىراق تۇر. يېغىلىقتا يات ياخشى.